ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-17 14:16

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-نويابىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ۋاڭ شياۋجۈن تۇ زېيۈ) 11-نويابىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلاپ، تۆت تۈرلۈك ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئون تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى يولغا قويغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ باشقا قانۇنلۇق ئەمگەك ھەققى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

10-نويابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. 

 «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنىڭ ھەممىسىنى 2024-يىل چاغاندىن بۇرۇن بېجىرىپ، ئۇدۇللۇق تۈگىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىدە «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە جازالاش، مەركەزلىك ئېنىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە كەسپىي تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. 

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جايلار ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىرمۇبىر تۈزىتىپ سۈرۈك ئىچىدە ھەل قىلىدۇ؛ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى دەرىجە بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ھەققى نېسى قالغانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يوللىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرساھەدىكى مەسئۇل تارماقلار «يېشىل يول»نى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ؛ نېسى قالغان ئىش ھەققى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى مۇھىم خىزمەت ئۆلچىمى قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈرگە ئايرىپ، ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا كۈچەپ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا دائىر چوڭ-چوڭ ئەرزىيەت دېلولىرى، تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرەش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىدۇ. 

«ئۇقتۇرۇش»تا يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر تۆۋەندىكىچە: 

مەخسۇس ھەرىكەت خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش 

ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش 

بىرلىكتە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش 

ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىپ ئۇچى ھالىتىدە ئۇدۇللۇق يوقىتىش 

نېسى قالغان ئىش ھەققى تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش 

رەھبەرلەر دېلونى ھۆددىگە ئېلىپ بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش 

قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىش 

ئىش ھەققى نېسى قالغانلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش 

چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش-ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىش 

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى جايلار، ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپلەرگە بىرلەشمە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن ھەمدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغانلارنى، مەسىلىسى بىرتەرەپ قىلىنمىغانلارنى، ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلەرنى بوش قويۇۋەتمەسلىكتىن ئىبارەت «ئۈچنى بوش قويۇۋەتمەسلىك»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى «ئىش ھەققى»دىن غەم قىلدۇرماسلىق قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرىدىكەن.  

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەيدۇ

10-نويابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.