يەنە بىر دۆلەت جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى
جۇڭگونىڭ كىرىباتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 15-نويابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، كىرىباتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن سوراشتۇرغاندىن كېيىن، كىرىباتىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
15-نويابىردىن باشلاپ دىپلوماتىيە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن كىرىباتىغا ساياھەتكە، قىسقا مۇددەتلىك زىيارەتكە بارغان جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىدۇ، ھەر 12 ئايدا جەمئىي تۇرغان ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدا تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، كىرىباتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇزارتقان ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 كۈن بولىدۇ. جۇڭگونىڭ كىرىباتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: كىرىباتى نۆۋەتتە يولغا قويغان جۇڭگوغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى پەقەت كىرىباتىغا ساياھەتكە بارىدىغان، قىسقا مۇددەت زىيارەتتە بولىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىغىلا ماس كېلىدۇ. خىزمەت قىلىش (Work)، مەبلەغ سېلىش (Investment)، ئوقۇش (Student)، تەتقىقات (Research) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇناسىپ تۈردىكى ۋىزىغا ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ كىرىباتىدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا جازالىنىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلار كىرىباتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى(https://www.mfa.gov.ki/immigration)دىن ئالاقىدار ئىلتىماس تەرتىپىنى كۆرۈپ ۋە جەدۋەللەرنى چۈشۈرۈپ ئىلتىماس قىلسا ياكى كىرىباتى كۆچمەنلەر ئىدارىسى (aio3@mfa.gov.ki)نىڭ ۋىزا بېجىرگۈچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېجىرسە بولىدۇ.