شىنجاڭلىق يىگىت رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە «نام چىقاردى»!
يېقىندا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىنىڭ 2023-يىللىق رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق يىگىت ئىسكەندەر ئەخمەت ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم كىيىپ سەھنىگە چىققاندا تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتتى.
بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ئىسكەندەر يۇرتىنىڭ 600 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى چالغۇسى تەمبۇرنى قولىغا ئالغىنىچە، ئۈچ مىنۇتتا يۇرتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى يەتكۈزدى.
ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى
↓↓↓
ئىسكەندەر «شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. پىروگىراممىدا ئۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ مۇزىكا چىقسىلا ئۇسۇل ئوينىيالايدىغانلىقى، سازنى قولغا ئالسىلا چالالايدىغانلىقىنى سۆزلىدى. ئىسكەندەر يەنە كۆپچىلىككە ئون ئىككى مۇقام سەنئىتىدىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى تەمبۇرنى تونۇشتۇرغاچ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە تەمبۇرغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى سۆزلەپ بەردى.
پىروگراممىدا ئىسكەندەر 600 يىللىق تارىخقا ئىگە تەمبۇرغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جۇشقۇن، جانلىق شەكىلدە كۆپچىلىككە نامايان قىلدى.
ئىسكەندەرنىڭ ياشلىق باھارى مۇجەسسەملەنگەن تەمبۇرنىڭ ئاۋازى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى.
باھالىغۇچى كاڭ خۇي باھا بېرىپ: ئۇ يەردە تارە تىترىسە، بۇ يەردە يۈرەك تىترىدى. تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىشنىڭ ئۆزىلا بىر رىياسەتچىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى، دېدى.
بۇ قارارلىق مۇسابىقىگە جەمئىي 12 نەپەر ماھىر قاتناشقان بولۇپ،
ئىسكەندەر ئۈچىنچى بولۇپ كېيىنكى باسقۇچقا كىردى.
ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسكەندەر نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.
مەلۇم بىر تورداش: «مەن كېيىنكى ئەۋلاد نىغمەت مۇئەللىمنى كۆرگەندەك بولدۇم»، دېدى.
كۆپچىلىكنىڭ مەدھىيە ۋە ئىلھاملىرىغا ئىسكەندەر مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ ئارزۇيۇم ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن!»
ئىسكەندەر ئەخمەت يارايسىز!
ئۇنىڭ ساز بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى داۋاملىق تارقىتىپ،
ئاۋازى بىلەن يۇرتىنىڭ ھېكايىسىنى
ياخشى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.