شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى
شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دوست تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودا ئامېرىكىدىكى دوست تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن دوست تەشكىلاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقارغان ئامېرىكىلىق دوستلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، دوستانە ئامېرىكا خەلقىگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى خەلق سالغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن بىرلىكتە جەڭ قىلغان. جۇڭگو خەلقى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئامېرىكا خەلقىمۇ ئامېرىكا ھەربىيلىرىنى جان تىكىپ قۇتقۇزغان جۇڭگو خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. قانلىق كۈرەشتە تاۋلانغان جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوقۇم ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.
جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلق ئاچقان. ئىلگىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، 22 يىل قارشىلاشقان، ئورتاق مەنپەئەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىختىلاپتىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىككى دۆلەتنىڭ قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى ئەل ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ئىشتات باشلىقلىرى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھېكايىسىنى خەلق يازغان. ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خەلقى ئاق كۆڭۈل، دوستانە، ئەمگەكچان، ئەمەلىيەتچىل، ۋەتەننى، ئائىلىنى، تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، بىر-بىرىگە قىزىقىدۇ ۋە ھەۋەس قىلىدۇ. دەل خەلق ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك بېرىش-كېلىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قايتا-قايتا توغرا يولغا باشلىدى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغان ئىكەن قايتا تاقىلىپ قالمايدۇ.
جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى خەلق يارىتىدۇ. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسا، خەلق رىشتىنى شۇنچە چىڭىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مەدەت بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىز خەلق ئالاقىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك سېلىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ يول ياسىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن خادىملار بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىدىغان، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىپ، كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى بىرلىكتە داۋاملىق يېزىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ!
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز خىرىسقا تولغان، ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. دۇنيانىڭ كەلگۈسى جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىغا موھتاج. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ياخشى ئالاقە قىلىپ، چوڭ دۆلەت ئەندىزىسىنى نامايان قىلىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى ئاساسىي قائىدە، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى ئۆتۈشىدىكى ئەقەللىي مىزان. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن پەخىرلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسى خەلقنىڭ تاللىشى، ھەر ئىككىلىسى ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك.
تىنچ بىللە تۇرۇش خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت چوقۇم ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك. تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان جۇڭگونى تەھدىت دەپ قاراپ، سەن ئۇتتۇرساڭ، مەن ئۇتىمەن، سەن گۈللەنسەڭ، مەن خارابلىشىمەن دەيدىغان نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش نىشاندىن چەتنەپ كەتتى. جۇڭگو ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا دو تىكمەيدۇ، ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، ئامېرىكىغا خىرىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئويى يوق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن ئامېرىكىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. ئوخشاشلا، ئامېرىكىمۇ جۇڭگونىڭ ئۇتتۇرىشىغا دو تىكمەسلىكى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى، تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگونى قارشى ئېلىشى كېرەك.
ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمى، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي رەڭ. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئامېرىكىمۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى چەكسىز كەڭ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالسا تامامەن بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئارمىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش، زەھەر چەكلەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش-ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىل ئىزدىنىش ۋە ئىزچىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنى بىرلىكتە زامانىۋىلىشىشقا ئاتلاندۇرىمىز. بىز ئورتاق بېيىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەر بىر جۇڭگولۇقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز. بىز ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى تەڭ بېيىتىمىز. بىز مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىز تىنچ تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا ھەرقانداق ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىپ باقمىدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر غېرىچ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدى، جۇڭگو تىنچ تەرەققىياتنى ئاساسىي قانۇن ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن، دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە كۆتۈرگەن بىردىنبىر چوڭ دۆلەت. جۇڭگو قارشىلاشماي سۆزلىشىش، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ، ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوغلاشمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ!
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا قېلىپ قالغان نەرسە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش تارىخى لوگىكىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت تۈپ ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئاساسنى تېپىپ، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلاش، خەلق بىلەن ئورتاق تاماملاش كېرەك. جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقى مانا مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ئىش. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!
نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم نۇتقىغا ئون نەچچە قېتىم ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى رايموندو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. رايموندو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى ئوچۇق، سەمىمىي، مول نەتىجىلىك بولدى. خۇددى زۇڭتۇڭ بايدىن كۆرسەتكەندەك، ئامېرىكا مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگونى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئامېرىكىغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا كۈچلۈك قىزىقىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، خاتا چۈشەنچە، خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللەنگەن كەلگۈسىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.
ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گرېنبېرگ، ئامېرىكا-جۇڭگو سودا كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى كاسپېر، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئولۇنس قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سان فىرانسىسكودا زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن بولغان مۇھىم ئۇچرىشىشى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە قىلغان مۇھىم سۆزى ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىپ، 100 مىليونغا يېقىن كىشى نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى، جۇڭگو ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو تارىخ، مەدەنىيەت، تۈزۈلمە قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ، لېكىن بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ، بولۇپمۇ خەلقنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، بۇ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. دۇنيادىكى ئىككى مۇھىم چوڭ دۆلەت بولغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
زىياپەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى ھەمدە ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ۋە جياڭجۈن ستىلۋېلنىڭ ئەۋلادلىرى، گۇلىڭ، ئىئوۋا ئىشتاتى، ۋاشىنگتون ئىشتاتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى دوست ئەربابلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى قەدىناس دوستلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋاملىق داۋاملىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.
قارشى ئېلىش زىياپىتىنى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى، ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى، ئاسىيا جەمئىيىتى، ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى، ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق دوست تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دوست تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400چە كىشى قاتناشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت