ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو پۇقرالىرىغا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-29 09:49

 مالايسىيا زۇڭلىسى: جۇڭگو پۇقرالىرىغا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ 

مالايسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر 26-نويابىر مالايسىيانىڭ 1-دېكابىردىن باشلاپ چىگرىدىن كىرگەن جۇڭگو پۇقرالىرىغا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قولاي تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر مۇنداق دېدى: 2024-يىلى مالايسىيا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بۇ تەدبىرنى يولغا قويدۇق.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر يەنە جۇڭگونىڭ يېقىندا مالايسىيانىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىگە ئالاقىدار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو پۇقرالىرىغا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

مالايسىيا زۇڭلىسى: جۇڭگو پۇقرالىرىغا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ