ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ: بۇ ئەھۋالدا دەرس توختىتىشقا بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-01 09:45

يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» ماقۇللاندى، بۇ نىزام 2024-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بوران ۋە قارا يامغۇردىن كۆك، سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر سىرتتىكى ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرس ئۆتۈش ۋە دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ ياكى دەرس توختىتىدۇ. شىۋىرغان، قۇم-بوران قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرس توختىتىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرس توختىتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ: بۇ ئەھۋالدا دەرس توختىتىشقا بولىدۇ

يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» ماقۇللاندى،