ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 16:37

ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل چوڭ دۆلىتىدىن ئاپتوموبىل كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشىدىكى مۇقەررەر يول، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، سىياسەتتىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى كۈچلۈك ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يانداش سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساھە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولدى. 

مۇخبىر جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى چىڭشەنخۇ رايونىدىكى بىر ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىدا، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپىنىڭ نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدە ئايلانما ئوتتۇرا كونترول ئېكرانى بار، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئىقتىدارنى كونترول قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئاپتوموبىل ئىشلىتىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مەلۇم ماركىنىڭ نەنچاڭ رايونىدىكى سېتىش مەسئۇلى يۈ بونىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ماركىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پۈتۈن يىللىق تاپشۇرۇش نىشانى 3 مىليون بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ھەر ئايلىق سېتىلىش مىقدارى %20 تىن %30 كىچە ئاشتى، بۇ ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل جۇغلىنىپ كەلدى. 

ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. جېجياڭنىڭ نىڭبودا بىر ئاپتوموبىل گۇرۇھى قارمىقىدىكى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى لى چۈەنخەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز توك چاتقۇچلۇق ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك يېڭى تېخنىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بۇ تۈردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 كە يېقىن ئاشتى. بۇلار باتارىيەنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنى، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەش ۋە ماتورنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ توك چاتقۇچلۇق ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ياكى پۈتكۈل ئاپتوموبىل كەسپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش ئەۋزەللىكى شەكىللەندى. 

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى سىجىل ئېشىش بىلەن بىرگە، مەھسۇلات مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقىدۇ، بىر ئاپتوموبىل زاۋۇتى چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى تۆت سائەتلىك مۇساپىدە بارلىق يۈرۈشلۈك زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. مەلۇم تېخنىكا تەتقىقات شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش مەھسۇلاتلىرىنى پىلانلاش ۋە بازار باش دىرېكتورى لۈ پېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز تۆت سائەتلىك مۇساپىسىدىكى بىر چەمبىرەكتە خېرىدارلارنى، ئېكولوگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىزنى، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ باش، ئاياغ ھالقىسىدىكى يۈرۈشلەشكەن كارخانىلارنى زىيارەت قىلالايمىز، پۈتكۈل كەسىپنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. 

ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بىر تەرەپتىن يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى بازىرىدا ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر تەرەپتىن مول ئاپتوموبىل ياساش تەجرىبىسى ۋە مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى. جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئېلىمىزدە 24 مىليون 16 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە 23 مىليون 967 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرى يەنىلا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 7 مىليون 352 مىڭ ۋە 7 مىليون 280 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %33.9 ۋە %37.8 ئېشىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى %30.4 كە يەتكەن. 

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جانلاندى، ئېكسپورتنىڭ ئېشىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولدى، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 995 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %99.1 ئاشتى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. بۇ يىلقى گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگونىڭ بىر ئاپتوموبىل ماركىسى مەسئۇلىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 200 مىڭدىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى %80 كە يەتكەن. 

جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېڭ چاۋشۈن مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ۋە ئىپادىسى. دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارمۇ بۇ يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، باتارېيە، ئېلېكتىرو ماتور، ئېلېكتىرىك كونترول قىلىش قاتارلىق ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭى كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە يېڭى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يېڭى پەن-تېخنىكىلارمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. شېڭ چاۋشۈن مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى، كەلگۈسىدە كۆپ ئۆلچەملىك يېڭى ھاياتىي كۈچنى داۋاملىق نامايان قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتى چوڭ مودېل، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ئاپتوموبىل ئۆزىكى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشى پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تېخنىكا ئۆزگىرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشتى

ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى