ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 10:38

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-گوللاندىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، گوللاندىيە جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىلگىرى سۈرگۈچىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشتە، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئەمەلىي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو گوللاندىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، گوللاندىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل، ئاشكارا تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يېزا ئىگىلىكى، سۇ ئىنشائاتى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئەل ئىچى ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر شامالغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش» نىڭ چىقىش يولى يوق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش بىردىنبىر تاللاش. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر سەن ئۇتتۇرساڭ مەن ئۇتىمەن، قارا بولمىسا ئاق بولىدۇ دەيدىغان ئىككى مەنبەلىك قارشىلىشىش تەپەككۇرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ھەقىقىي بىخەتەر دۇنيا چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، بىر-بىرىگە تايىنىدىغان دۇنيا بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ كەلدى. پەن-تېخنىكا توسۇقىنى سۈنئىي پەيدا قىلىش، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىش بۆلۈنۈش ۋە قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگو خەلقى يوللۇق تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ھەر قانداق كۈچ جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تەڭ پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتى سىجىل مۇقىملىقنى ساقلىدى، ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجابىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇتتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن 2013-يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدۇم، بولۇپمۇ 2014-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلىنىپ، سودا سوممىسى بىر قاتلاندى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقتا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىستىقبال بارلىققا كەلدى. « ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش» گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى تاللىشى ئەمەس، چۈنكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت گوللاندىيەگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. جۇڭگونىڭ گوللاندىيە ئاممىسىنى جۇڭگوغا كەلسە 15 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن قىلغانلىقىغا رەھمەت. گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىقتىساد-سودا، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلار ھەمدە خەلقئارا، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى.