ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ سىرىلانكا زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 11:19

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردېنا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-سىرىلانكا دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىسى چىڭ. جۇڭگو-سىرىلانكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن بىرلىكتە، «مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت «گۈرۈچ-كاۋچۇك كېلىشىمى» روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سىرىلانكىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشى، بولۇپمۇ كولومبو پورت شەھىرى ۋە خامبانتوتانى ئۇنىۋېرسال ئېچىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بايراقدار تۈرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت-ساياھەت، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ ئۆزگىچە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىرىلانكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، سىرىلانكىنىڭ ئادىل، ئاشكارا تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن يېزا-كەنتلەرنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سىرىلانكىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياخشى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

گۇناۋاردېنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرىلانكا بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلار. سىرىلانكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق سىياسىتىنى قىلچە ئىككىلەنمەي يولغا قويىدۇ، جۇڭگونى باشتىن-ئاخىر تاشقى مۇناسىۋەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. سىرىلانكا جۇڭگونىڭ سىرىلانكا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا داۋاملىق ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىرىلانكا بىلەن جۇڭگو تەقدىرداش ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان دوستلار. كولومبو پورت شەھىرى ۋە خامبانتوتانى ئۇنىۋېرسال ئېچىش قاتارلىق تۈرلەر سىرىلانكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە جانلاندۇردى، شۇنداقلا رايون ئومۇمىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى، سىرىلانكا بۇنى قوللايدۇ ۋە پائال قاتنىشىدۇ. سىرىلانكا داۋاملىق جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىرىلانكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، ساياھەت، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىك ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ سىرىلانكا زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردېنا بىلەن كۆرۈشتى.