ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:47

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 19-ئاپرېل بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەمدە سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىنى يۇغۇرۇش، پۈتۈن ساھە تىرەك بولۇش ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى بويىچە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، قۇرۇلۇش يىغىنى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندا دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئارمىيە بايرىقىنى قوغداپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئارمىيە بايرىقىنى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قوماندانى بى يى، سىياسىي كومىسسارى لى ۋېيغا بەردى. ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شى جىنپىڭغا سالام بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن ئارمىيە بايرىقىنى ئېلىپ، بايراقنى تۇتۇپ قەددىنى رۇسلاپ تۇردى. بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەر ئارمىيە بايرىقىغا تەنتەنىلىك سالام بەردى.
بايراق بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى تەڭشەپ تەشكىللەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، يېڭىچە ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك قىسىم تۈرى، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە زامانىۋى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غايە-ئېتىقادىنى، ئىنتىزام-قائىدىلەرنى چىڭىتىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئۇچۇرنى يېتەكچى قىلىش، بىرلىشىپ غەلىبە قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇر زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئۇچۇر ياردىمىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا قىلىپ، ھەرقايسى يۆنىلىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەربىي كۈرەشكە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇش ئېھتىياجىنى تۈپ يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئارمىيەمىزگە خاس بولغان تور ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز ئېشىشىغا يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قىسىمنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇنتىزىم تەرتىپنى ساقلاپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلىك بىرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەك.
لى ۋېي ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەتئىي يەردە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇلۇش يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى ۋە پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىش ئۇقتۇرۇشىنى ئوقۇدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، مۈلكىي خادىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىن ھەيۋەتلىك ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسىم رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىۋاسىتە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسمىنىڭ بەلگىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمىنىڭ رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەمدە سۆز قىلدى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 19-ئاپرېل بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.