ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە كۆپ تۈرلۈك قاتناش-تىرانسپورت كۆرسەتكۈچىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 10:17

بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرى ياخشى باشلىنىپ، كۆپ تۈرلۈك تىرانسىپورت كۆرسەتكۈچلىرىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

1-پەسىلدە، ئېلىمىز خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ پۈتۈن كەسىپ بويىچە ترانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارى 34 مىليارد 930 مىليون توننا كىلومېتىرغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.6 ئاشتى.

يولۇچى توشۇش جەھەتتە، 1-پەسىلدە توشۇلغان يولۇچى 180 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.7 ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ 1-پەسلىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 14 مىليون 120 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، كۆلەم جەھەتتە 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەنىڭ %78 ى ئەسلىگە كەلدى.

يۈك توشۇش جەھەتتە، پۈتۈن كەسىپ بويىچە 1-پەسىلدە توشۇلغان يۈك ۋە پوچتا تىرانسىپورت مىقدارى 2 مىليون 7 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.4 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

1-پەسىلدە، تۆمۈريول ترانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلەش ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 10 مىڭ 486 يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشتى؛ جەمئىي 1 مىليارد 14 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 11 مىليون 147 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.5 ئاشتى. كۆپ تۈرلۈك يولۇچى توشۇش كۆرسەتكۈچىدە تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلىپ، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. 12306 بېلەت سېتىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، سىغىمى كېڭەيتىلىپ، بېلەت سېتىۋېلىش ئىقتىدارى ياخشىلاندى، بىر كۈنلۈك بېلەت سېتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىليون 916 مىڭغا، بېلەت ئەھۋالىنى كۆرۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 89 مىليارد 830 مىليون قېتىمغا يەتتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە كۆپ تۈرلۈك قاتناش-تىرانسپورت كۆرسەتكۈچىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

1-پەسىلدە كۆپ تۈرلۈك قاتناش-تىرانسپورت كۆرسەتكۈچىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى