ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، جەڭگاھقا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي تېببىي ئالىي مەكتىپىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 10:09

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭگاھقا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ۋە سەھىيە ئارقا سەپ كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي تېببىي ئالىي مەكتىپىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن داشۆنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە جەڭگاھتا تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش نۇقتىلىق پەنلىرى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇشتا يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسۋابلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى شەرەپلىك تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ئېگىزلىك ھەربىي تېببىي ئىلىمى، ئۇرۇش جاراھىتى تېببىي ئىلىمى، كۆيۈك تېببىي ئىلىمى قاتارلىق روشەن ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىكلەرنى شەكىللەندۈردى. 2017-يىلى تەڭشەپ تەشكىللەنگەندىن بۇيان، ئارمىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي كۈرەش-سەھىيە ئارقا سەپ كاپالىتى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق بىر قاتار زور ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى. شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى ئارمىيەمىزنىڭ تېببىي پەن تۈرىدىكى ئالىي مائارىپ مەكتىپى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سەھىيە ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئۇرۇش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك يېڭى دەۋر قىزىل ھەربىي دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئۆزگىچە تېببىي پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىنى ئىگىلەپ، ھەربىي تېببىي ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىشى كېرەك. سەھىيە ئارقا سەپ كاپالىتىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا، كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئۆگىنىش ـ تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىنى تەرتىپكە سېلىش ـ تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىك بىرلىكى ۋە پاك، مۇستەھكەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش  ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ داشۆ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.
خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، جەڭگاھقا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي تېببىي ئالىي مەكتىپىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،