ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-29 09:18

شېنجۇ 17-، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە بوشلۇق پونكىتىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىدە ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېتىراپنامىگە ئايرىم-ئايرىم ئىمزا قويدى، ئىككى گۇرۇپپا جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ، بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ 4-قېتىم ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملاپ ئالمىشىشى، ھازىرغا قەدەر، شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى تولۇق تاماملىدى، 30-ئاپرېل شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ «شەرق شامىلى» قونۇش مەيدانىغا قايتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىدى

جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىدى