ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپىتى تېز ئۆستى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:54

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسى، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھازىر مەركەزدىن يەرلىككىچە ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر چىقىرىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالماقتا.

  بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقىدا مۇنداق ئىككى چوڭ يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى: بىرىنچى، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. 1-پەسىلدە سانائەت قوشۇلما قىممىتى %6 ئېشىپ، ئېشىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %37.3 بولدى. بولۇپمۇ خىمىيە سانائىتى، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 1-پەسىلدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى؛ ئەقلىي ياسىمىچىلىق جابدۇق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۈچ تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئەقلىي ۋە يېشىل تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قارىغانلىق، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشنىڭ، كۆپۈكلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىل ئەندىزە بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، يەرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىمۇ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىقتىكى زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش كېرەك. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەر ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، دۆلەت «ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، 2027-يىلىغىچە، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئەلالاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى» ئېلان قىلىندى، ئارقىدىن ھەرقايسى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىرىليون دەرىجىلىك كۆلەملەشكەن چوڭ بازار بۇنىڭغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلدى.

  بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلەتمەكتە.

  يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئەقلىيلىشىشكە يۈزلىنىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. بۇ يىل، دۆلەت ئەقلىي ياسىمىچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقىل+» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، 2025-يىلىغىچە، ئېلىمىزدىكى %70تىن ئارتۇق كۆلەملەشكەن ياسىمىچىلىق كارخانىسى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يېشىل بولۇشقا يۈزلىنىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. بۇ يىل دۆلەت ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى ئازايتىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئايلانما پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. شېنجېن شەھەر ئاھالىلىرى سەيلە قىلىشنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۈللۈككە ئوخشايدىغان بۇ ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخلەت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئىسنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، شەھەر ئەخلەتلىرى بۇ يەردە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ يىل دۆلەت يەنە مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس زاكاز قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ياسىمىچىلىقى، ئۆمۈرلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى تېخنىكلارنى ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ساھەسىدە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە-باج مەدىتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

    تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپىتى تېز ئۆستى

بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقىدا مۇنداق ئىككى چوڭ يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى