ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى 3-ماي قويۇپ بېرىش پىلانلاندى، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىستېمىلار ئارا بىرلەشمە مەشىق تاماملاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:13

دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1-ماي مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى  4-باسقۇچلۇق چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى 3-ماي قويۇپ بېرىشنى پىلانلانلىدۇق. ھازىر چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىستېمىلار ئارا بىرلەشمە مەشىق تاماملىنىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىدىغان چاڭجېڭ 5-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزىش 8-توشۇغۇچى راكېتاغا پات ئارىدا ئىتتىرگۈچ قاچىلىنىدۇ. بۇ چاڭجېڭ 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 2-قېتىم ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى بولۇپ، چاڭئې 6-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچنى يەر-ئاي يۆتكىلىش ئوربىتىسىغا يەتكۈزۈپ، ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە يەر بىلەن ئاينىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا، قۇرۇلۇش ئەترىتى «تار كۆزنەكلىك، كۆپ ئوربىتىلىق» قويۇپ بېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، راكېتانىڭ ئۇدا ئىككى كۈن، ھەر كۈنى 50 مىنۇتلۇق كۆزنەك ئىچىدە، ئايغا چىقىش ئوربىتىسىدىن جەمئىي 10 نى لايىھەلىدى.
نۆۋەتتە چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىستېمىلار ئارا بىرلەشمە مەشىق تاماملاندى، ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى، بېيجىڭ ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى، شىئەن سۈنئىي ھەمراھ ئۆلچەش-كونترول قىلىش مەركىزى، يۈەنۋاڭ ناملىق ئۆلچەش پاراخوت ئەترىتى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلچەش - كونترول قىلىش مەيدان-پونكىتلىرى بىرلەشمە تەڭشەش - كونترول قىلىشنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە ھەرقايسى سىستېمىلار قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. بۇ چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىستېمىلار ئارا بىرلەشمە مەشىق بولۇپ، ئاساسلىقى چاڭجېڭ 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىرىكمە گەۋدىسىنى قويۇپ بېرىپ ئوربىتىغا كىرگۈزۈش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر تەكشۈرۈلىدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن لۇ يۈنتۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تەكشۈرگۈچ سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمال، مۇقىم، تېخنىكىلىق ھالىتى تەلەپنى قاندۇرىدۇ، كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، قويۇپ بېرىش ۋە ئوربىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق.
شۇ كۈنى قويۇپ بېرىش مەيدانى يەنە قاچىلاش، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ھاۋا رايى تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىشىنى تەشكىللىدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەزىپە مەزگىلى ۋېنچاڭ قۇرغاق پەسىلدىن يامغۇر پەسلىگە ئۆتىدىغان مەزگىلگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ھاۋا رايى سىستېمىسى ئۆتكۈنچى پەسىلنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھالقىلىق نۇقتىلاردىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىش تەقلىدىي مانېۋىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىپ، چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئايغا ئوڭۇشلۇق چىقىشى ئۈچۈن ھاۋا رايى كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى 3-ماي قويۇپ بېرىش پىلانلاندى، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىستېمىلار ئارا بىرلەشمە مەشىق تاماملاندى

دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1-ماي مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى 4-باسقۇچلۇق چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى 3-ماي قويۇپ بېرىشنى پىلانلانلىدۇق.