ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 09:06

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان تاغ-دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنىلار، ئىشەنچلىك دوستلار، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى ھەمراھلار، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەرۋاقتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەل رايى ئاساسىغا، كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ مۇستەھكەم دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىشى، يۈكسەك ئىشىنىشى، قەتئىي قوللىشىدا. پاكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئۇزاق مۇددەت قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو يەنە پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قەتئىي زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى پاكىستاننىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىشنى مەركەز قىلىپ، ئېشىش، خەلق تۇرمۇشى، يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇشتىن ئىبارەت«بەش چوڭ كارىدور»نى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. پاكىستاننىڭ بىخەتەر، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق يارىتىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق خادىملار، تۈرلەر، ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى تەرەققىيات قارالمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
شاھباز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى پاكىستان خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چىن قايىللىقى ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، دۇنيا تىنچلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تېخىمۇ تىنچ، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى، پاكىستان بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى پاكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستان خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ياراتتى. پاكىستان جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل مارتتا داسۇدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان جۇڭگولۇق خادىملارغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، دېلوغا چېتىشلىق تېررورچىلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ ۋە قاتتىق جازالاپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق خادىملار، ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق كۈچ پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم دوستلۇقىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. پاكىستان قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى بولىدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ۋەدىسى، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى. پاكىستان جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شىزاڭ، شىنجاڭ، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.
ۋاڭ يى، جاڭ يوۋشيا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.