ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 09:57

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە مەسلەكداش ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھلار. بۇلتۇر ئاپرېلدا، مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا سورۇنلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىمۇ كۈچلۈك قوغدىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم گۈللەنمە بازار دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ كاتېگورىيەسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇقىغا يېڭى دەۋر ئىچكى مەزمۇنى قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو بىرازىلىيە بىلەن باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىجادكارلىق روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە نەزەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش»، «جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش لۇشيەنى» قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيە، يەرلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، ياشلار قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق كۈچى توپلايدۇ، تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ. جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيەنىڭ بۇ يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئالكمىن زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن مەن مۇئاۋىن رەئىس خەن جېڭ بىلەن بىرازىلىيە-جۇڭگو يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەچچە يۈز مىليون جۇڭگو خەلقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇنى دۇنياۋى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ، ئالاقىدار تەجرىبىلەر بىرازىلىيە ئۈچۈن مۇھىم ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەردە ئىدىيەسى ئوخشاش، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق. بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ تىنچ، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل دۇنيا قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكمىن بىلەن كۆرۈشتى.