ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە «مىللىمېتىر دەرىجىلىك» تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-10 10:57

ئاساسىي سۇ يولى كۆۋرۈكىنىڭ پولات لىم بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بۆلىكىنىڭ كەپشەرلىنىپ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى 9-ئىيۇن ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى، دۇنيا بويىچە چات ئارىسى ئەڭ چوڭ بۇ يانتۇ ئاسما كۆۋرۈك پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قاتناش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلىشى مۇمكىن.

چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول، ئادەتتىكى تاشيولدىن ئىبارەت ئۈچ  يول بىر گەۋدە قىلىنغان دەريادىن ئۆتۈش تۇنجى يولى. چات ئارىسى ئەڭ چوڭ قىيپاش ئاسما كۆۋرۈك، چات ئارىسى ئەڭ چوڭ تاشيول ۋە تۆمۈر يولغا ئىشلىتىلىدىغان پولات لىم ئەگمە كۆۋرۈك ۋە ئەڭ ئۇزۇن پولات لىم بولۇشتەك دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك قاتناش قۇرۇلۇش ئىدارىسى چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئورنىنىڭ نەق مەيدان مۇئاۋىن قوماندانى لى خەيفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش ئەترىتى ئاساسىي لىمنىڭ ئۇزۇنىسىغا ئېچىلىشىدىن پايدىلىنىپ، بىرلەشمە توما ئارىلىقىنى تەڭشەپ، كۆۋرۈكنىڭ ۋاقىتلىق ئېغىرلىقىنى يۆتكەش  قاتارلىق ئۇسۇللارنى ماسلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە تومىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پولات لىمنىڭ ئاتمېتكا ئېگىزلىكى، ئايلىنىش بۇلۇڭىنى بىردەك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرلەشمە تومىنى ئۇلاش تۆشۈكىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرىلاتتى، ئەڭ چوڭ ئېغىش پەرقى ئاران 2 مىللىمېتىر بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە، چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە كۆۋرۈك يۈزى رېشاتكىسى قاتارلىق پولات قۇرۇلمىلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار تاماملىنىدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كۆۋرۈك يۈزى ياتقۇزۇلۇپ بولىدۇ، كېلەر يىلى 2-ئايدىن بۇرۇن ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يورۇتۇش، سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەرىكەتچان يۈك كۆتۈرۈش سىنىقى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى تاماملىنىپ، قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە «مىللىمېتىر دەرىجىلىك» تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

چاڭجۇ-تەيشىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە «مىللىمېتىر دەرىجىلىك» تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى