ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىككى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-11 10:36

78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىدە  6-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارى بىردەك ماقۇللىنىپ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى، قاراردا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى تولۇق نامايان قىلىندى. پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.
دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى قەلبلەرنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. بۇ يىل 1-ئايدا، جۇڭگو فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە مەدەنىيەت ساياھەت يىلى باشلاندى، 3-ئايدا، جۇڭگو «قازاقىستان ساياھەت يىلى» باشلاندى، 5-ئايدا، جۇڭگو زامبىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى، جۇڭگو تانزانىيە ساياھەت مەدەنىيەت يىلى، جۇڭگو رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى ئارقا ئارقىدىن باشلاندى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى، ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
دۇنيا بىر مەدەنىيلىك باغچىسى. مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغانلىقتىن ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندۇردى.
-2014 يىلى 3-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
2019ـ يىلى 5ـ ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، باشقىلار ياراتقان گۈزەللىكتىنمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ھۇزۇرلىنىش، ئىككى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرۈش ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
2023ـ يىلى 3ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆزلىشىش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم  دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش، خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانى يەنە بىر مۇھىم خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى.
2023ـ يىلى 6ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقە قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتەك تارىخىي يۆنىلىشىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى قوبۇل قىلىشتەك ئوچۇقلۇقى، كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك تىنچلىقچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن.
ئون يىلدىن بۇيان، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنياۋى تۈرلۈك قوش كۆپ تەرەپلىك مەدەنىيلىك سۆزلىشىش سۇپىسى ۋە مېخانىزمى كۈنسېرى بېيىدى، ھەمكارلىق تورى تەرتىپلىك بەرپا قىلىندى، «لياڭجۇ مۇنبىرى»، دۇنيا جۇڭگوشۇناسلىق يىغىنى-شاڭخەي مۇنبىرى، نىشەن دۇنيا مەدەنىيلىك مۇنبىرى قاتارلىق بىر قاتار يىغىنلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مول، رەڭدار ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلاردا تاشقى ئالاقە دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقى كۆرۈنەرلىك كېڭەيدى. «بىر بەلباغ،بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا، يىپەك يولى خەلقئارا تىياتىرخانىسى، سەنئەت بايرىمى، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاخبارات تاراتقۇسى، ساياھەت شەھىرى قاتارلىق ئىتتىپاقلار، خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق سۇپىلار قۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ داغدام يولىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 180 نەچچە دۆلەت بىلەن مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، 59 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋاننى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. دۇنيا تاراتقۇلار يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى قاتارلىق تاراتقۇلار ھەرىكىتى دۇنيا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تاراتقۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىككى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك

78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىدە 6-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارى بىردەك ماقۇللىنىپ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى،