ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-13 15:28

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇن ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ئورتاق گۈللىنىش باش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب-شىمال سۆزلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا سودىسى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېز تەرەققىي قىلىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز تارىخ ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچ تەرەققىي قىلىش خەلقئارا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى ئىگىلەش كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىشتىن خالى رەقەملىك ئىقتىسادىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ب د ت رامكىسى ئىچىدە سۈنئىي ئەقل قائىدىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، مۇقەررەر دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىر ئەزاسى، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە. جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى پائال كېڭەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ب د ت 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، ئالغا باسقان گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇن ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.