ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-09 09:44

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى ئاي ئىلگىرى، مەن ۋېنگىرىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ھەر ۋاقىتلىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلاپ، بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يېڭى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدۇق، شۇنداقلا جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. كېلەر ھەپتە جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، جۇڭگو ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ جۇڭگو-ۋېنگىرىيە ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەر ۋاقىتلىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى سىجىل بېيىتىپ، خەلققە تېخىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا جۇغراپىيەلىك سىياسىي زىددىيەت، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە، شۇڭا مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلاپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ھەمراھلىق توغرا ئورنى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئوربان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى ئاي ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى. ئىككى ئايدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ۋېنگىرىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. نۆۋەتتىكى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو تىنچلىقنى قىزغىن سۆيۈپلا قالماستىن، بەلكى بىر قاتار ئىجابىي مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم مۇقىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ۋېنگىرىيە جۇڭگونىڭ رولى ۋە تەسىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ ۋە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋېنگىرىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، «كىچىك چەمبىرەك پەيدا قىلىش» ۋە لاگېر قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا نۇقتىلىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئوربان يېقىندا ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىكى زىيارىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى. شى جىنپىڭ ئورباننىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتا «جەڭ مەيدانى كېڭىيىپ كەتمەسلىك، ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقماسلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇرۇشنى ئۇلغايتماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تېزدىن تۈرتكە بولۇش. خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سۆزلىشىش، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك. پەقەت بارلىق چوڭ دۆلەتلەر پاسسىپ كۈچنى ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تاڭ نۇرىنى بالدۇرراق كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق تېنچلىققا دەۋەت قىلىپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسى ۋە تىرىشىش نىشانى بىردەك. جۇڭگو ۋېنگىرىيە ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.