مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە بەردى
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 97 يىل بولغان پەيتتە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 9-ئىيۇل بېيجىڭدا داغدۇغىلىق شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە بەردى.
1-ئاۋغۇست بىناسىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا قىسىمدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ۋە مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن بولدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدىمى بىلەن مەيدانغا كىردى ۋە قورال تۇتۇپ ئىككى تەرەپتە تۇردى، لەۋھە بېرىش مۇراسىمى باشلاندى، مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپ نامى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
«خەلق ئارمىيەسى پارتىيەگە سادىق» ناملىق جاراڭلىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيى 1-يىڭ 2-ليەنىگە لەۋھە بەردى. ليەندۈيدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ۋەكىللىرى شى جىنپىڭغا سالام بېرىپ، لەۋھەنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈۋالدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپ قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
لەۋھە بېرىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەربىي كومىتېت شەرەپ نامى بەرگەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار لەۋھە بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل