مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن كوماندىرنى تەبرىكلىدى
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 9-ئىيۇل بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە، ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خې خۇڭجۈنگە بۇيرۇقنامە بەردى ھەم ئۇنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق پاگونى تاقىغان خې خۇڭجۈن شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ياڭراق ھەربىي مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل