ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-05 09:57

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا ۋە خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى تەڭ جۇلالىنىپ تۇراتتى.

  مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان 51 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى، ئىككى زۇڭتۇڭ ۋەكىلى، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن خەلق سارىيىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۇلار بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شوخ، ئوماق ئۆسمۈرلەر يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئافرىقا دۇمبىقى چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  لەرزان مەرھابا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قېتىم ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىمەن، بولۇپمۇ جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنىڭ پۇختا، باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ يۇقىرى، ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن. جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئەنئەنىۋى دوستلۇقتا يىلتىز تارتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا نامايان بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا زورايدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئورتاق ھەمكارلاشتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقى داۋاملىشىپ، ئۇزاققىچە مۇستەھكەملەندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى باشلامچىلار، كەلگۈسىدىمۇ بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو-ئافرىقا خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولسىلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى فايې ئافرىقا رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئافرىقا ـ جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئاساسى چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ باراۋەر، تەرتىپلىك، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۆزىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئافرىقا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلار ھەم جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا، جۈملىدىن مۇنبەر مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە «تەڭ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى. ئويۇندا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ رەڭدار مەدەنىيلىكىدىكى ئىككى گۈزەللىكنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ئۆزئارا يېقىن، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەنلىكى نامايان قىلىنىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ۋاڭ يى، يىن لى، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا ۋە خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.