ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-05 09:44

 

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەنفى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن لىۋىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لىۋىيە ئەنئەنىۋى دوستلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قوللاپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. مەيلى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگونىڭ لىۋىيەنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللاش، جۇڭگو بىلەن لىۋىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو لىۋىيە بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-لىۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو لىۋىيەنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانلىقىغا ئالقىشلايدۇ، لىۋىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو لىۋىيەنىڭ ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، لىۋىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ياخشى تىجارەت سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو لىۋىيە بىلەن بىرلىكتە ئافرىقا، ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبى دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

  مەنفىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، بۇ لىۋىيە-جۇڭگو، ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى. مەيلى تىنچلىق ياكى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن بولسۇن، جۇڭگو لىۋىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لىۋىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىقتىسادنى قايتا گۈللەندۈرۈشىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، لىۋىيە بۇنىڭغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشنى خالايدۇ. لىۋىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، بۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزگەرمەيدۇ.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن