شى جىنپىڭ گابون زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گابون زۇڭتۇڭى نگۇما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلىپ جۇڭگونىڭ ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل دەل جۇڭگو بىلەن گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو گابون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن گابون ئەنئەنىۋى دوستلۇقتىن كۈچ ئېلىپ، بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان گابون پايتەخت ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشىلاش، كەسپىي مائارىپ مەركىزى قاتارلىق تۈرلەر گابون خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە- ساغلاملىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گابون ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگومۇ گابون بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ۋە رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
نگۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېنى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا ھەم ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، گابون-جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. گابون بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، جۇڭگو گابوننىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن گابوننىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ گابوننىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت. گابون بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ياخشى تەبرىكلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، گابون بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن گابون مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت