شى جىنپىڭ كامېرون زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-كامېرون مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ بىيا ھەر قېتىملىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق، ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن كامېروننىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا قوللاپ، دوستانە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كامېرون بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق ۋە سالمىقى بار جۇڭگو-كامېرون دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كامېروننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللاپ كەلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو كامېروننىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كامېرون ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كامېروننىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كامېرون بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداشنى خالايدۇ.
بىيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، مېنىڭ 8-قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىم، جۇڭگونىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، ئافرىقا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئىزچىل دوستلۇقنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى. كامېرون بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگونىڭ كامېروندا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان نۇرغۇن تۈرلىرى كامېروننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. كامېرون جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. كامېرون ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ئىگە، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كامېرونغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كامېروننىڭ قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. كامېرون بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى ئالقىشلايدۇ ۋە قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت