جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كونسېرتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
تەسىرلىك مېلودىيە ئارقىلىق سەلتەنەتلىك داستان بايان قىلىنىپ، چوڭقۇر مىھرى مۇھەببەت بىلەن ئۇلۇغ دەۋر مەدھىيەلەندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كونسېرتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى بىرلىكتە ئەسلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بىرلىكتە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغلار چاقنىدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى. سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر زالغا كىرىپ، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
نەق مەيداندا ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
كونسېرت چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان «بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، ۋەتىنىم جۇڭگو...» دىگەن مېلودىيەگە ئەگىشىپ باشلاندى. ئويۇن مۇقەددىمە ۋە بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش ماھارىتى، تەسىرلىك ناخشىلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىللىق تارىخىي تومۇرنى كونسېرتنىڭ سەھىپە قۇرۇلمىسىغا يۇغۇرۇپ، كىلاسسىك مۇزىكا ئەسەرلىرىدىكى تارىخ ۋە دەۋر خاتىرىسىنى نامايان قىلدى.
سىمفونىيەلىك مۇزىكا «بىرىنچى سىمفونىيە مۇقەددىمىسى»، ئومۇمىي خور «خۇاڭخې ئومۇمىي خورى» ھەيۋەتلىك ئورۇنلىنىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەي-سۇنماي، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتىكى شانلىق مۇساپىسى تولۇق نامايان قىلىندى. «ۋەتەنگە مەدھىيە» دە قىزغىنلىق، مەردانىلىك، «مول ھوسۇل ناخشىسى» دا شادخۇراملىق ئىپادىلەندى، ئىككى سىمفونىيەلىك مۇزىكىدا سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرگەن، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەن ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. سىمفونىيەلىك مۇزىكا «بېيجىڭدىن چېگرا كەنتىگە خۇش خەۋەر كەلدى»، مىللىي چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا «رەڭدار سىمفونىيە» دە ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايوننىڭ ئۆزگىچە ئاھاڭى قوشۇلۇپ، گۈزەل مېلودىيە ئارقىلىق ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى مەدھىيلەندى. سىمفونىيەلىك خور «ئۈمىدلىك دالا»، سىمفونىيەلىك مۇزىكا «ياشلار ياڭراق كۈيى» جۇشقۇن ئورۇنلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتى تەسۋىرلەندى.
75 يىللىق بوران-چاپقۇندا، 75 يىل زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق. پۈتۈن مەيداندا كونسېرت كەيپىياتى قىزغىن بولدى ۋە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. پىيانىنو ۋە ئوركېستىر ئورۇنلىغان «يېڭى زېمىن» ناملىق مۇزىكا كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى، «گۈزەل تاغ-دەريالار» ناملىق سىمفونىيەلىك مۇزىكا چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ئورۇنلاندى، سىمفونىيەلىك خور «يېڭى مۇساپە» جۇشقۇن ئورۇنلاندى، دەۋر مەدھىيەلەنگەن ھەر بىر مۇزىكىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ قۇدررەت تېپىش، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.« بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە، غەلىبە ناخشىسى نېمىدېگەن ياڭراق!» دىگەن كۈيگە جۈر بولۇپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىشىغا ئەگىشىپ كونسېرت ئاياغلاشتى.
كونسېرتقا يەنە يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يۇشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار قاتناشتى.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، «دوستلۇق ئوردېنى»، «1-ئېيۇل ئوردېنى»، «1-ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چىياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چىياۋمىنلار، چىياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەرلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسى ۋەكىللىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەر قايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كونسېرتنى كۆردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا