جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى 29-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغ دەۋر قەھرىمانلارنى چاقىرىدۇ، قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرىدۇ. قەھرىمانلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلسە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى گۈللەپ روناق تاپىدۇ، ئۇزاققىچە گۈللەپ ياشنايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلىشى، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشى، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن تەقدىرلەنگەن يولداشلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ زور شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ئوردېن ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى.
سائەت توققۇزلاردا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ئەزىز مېھمانلار ئاپتوموبىلىغا كوللېكتىپ ئولتۇرۇپ تۇرغان جايىدىن يولغا چىقىپ، ئەزىز مېھمانلار موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ قوغدىشى بىلەن خەلق سارىيىغا قاراپ ماڭدى. خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلدى، ياش-ئۆسمۈرلەر قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پاياندازنى بويلاپ پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتارلىقلار بۇ يەردە ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.
خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. غايەت زور قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدا، جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دوستلۇق ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالىنىڭ نۇسخىسى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى ئالدىدا، 18 بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغان بولۇپ، 18 جەسۇرانە ھۆرمەت قاراۋۇلى قورال تۇتۇپ تىك تۇراتتى.
سائەت توققۇزدىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
دەل سائەت ئوندا، ھەربىي ئوركېستىر كانايچىسى مۇراسىم بۇرغىسى چالدى، ئوردېن ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمى باشلاندى. «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
سەي چى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11-سانلىق يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ۋاڭ يۇڭجى قاتارلىق تۆت كىشىگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، دېلما روسسېفقا «دوستلۇق ئوردېنى»، ۋاڭ شياۋمو قاتارلىق 10 كىشىگە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلدى.
ئىككى بايراقچى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى، ئۈچ ھۆرمەت قاراۋۇلى جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دوستلۇق ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالىنى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.
«ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. پىيونېرلار تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرگە چىرايلىق گۈللەرنى تەقدىم قىلدى، سالام قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكەن خەلقئارادىكى دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۇ قاينام-تاشقىنلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ھەر قايسى سەپلەردە تۈركۈم-تۈركۈم قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى. بۈگۈن تەقدىرلەنگەن يولداشلار ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ۋە گەۋدىلىك تۆھپىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىي سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ سادىق، قەيسەر، ئاددىي-ساددا مۇنەۋۋەر پەزىلىتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇش ئىشىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى؛ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك بولۇشىنى نىشان قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەپ، ۋەتەننى سۆيۈپ ھەم ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئۆزىنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا يۇغۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلىك ھايات خىسلىتىنى نامايان قىلىشى؛ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ماھارىتىنى تاۋلاپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، قايسى كەسىپنى قىلسا شۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ، قايسى كەسىپنى قىلسا شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇپ يېتىشىپ، تىرىشىپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر ئىش ئورنى ئىختىساسلىقى، كەسىپ ئەھلى بولۇشى؛ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا باتۇرلۇق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش مەسئۇلىيىتى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىسلاھاتتىكى قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 75 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولغان، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان نۇرغۇن قەدىناس دوستلار، ياخشى دوستلار بارلىققا كەلدى، بۈگۈن «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلگەن دىلما روسسېف خانىم دەل شۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگو خەلقى بىلەن ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى كارتىنىلار بىزنىڭ بىرلىكتە تەسۋىرلىشىمىزگە، يېڭى تارىخ بىزنىڭ بىرلىكتە يارىتىشىمىزغا موھتاج. نىشاننى بېكىتىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، سەلتەنەتلىك يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈش كېرەك.
ئوردېن ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمىدا، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى خۇاڭ زۇڭدې، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى دىلما روسسېف دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
ئوردېن ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوردېن ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلگىرى تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپكە ئېرىشىپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرى، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى ئوردېن ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار