خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 30-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.
ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوتقاشتەك قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» ناملىق غايەت زور گۈل سېۋىتى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلەرنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىدىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۇخار گۈلى قاتارلىقلاردىن 18 گۈل چەمبىرەك ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.
سائەت 10 لارغا يېقىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خاتىرە مۇنارى ئالدىدا 2400 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىلى گۈل كۆتۈرۈپ، سەپكە تىزىلىپ سۈكۈتتە تۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىنىپ قالغان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مەيدىسىگە قىزىل لېنتا تاقىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەنگەن نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆسمۈر-بالىلار بار.
چاسا سەپنىڭ ئالدىغا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز چوڭ گۈل سېۋىتى رەتلىك تىزىلغانىدى. گۈل سېۋەتلىرىنىڭ قىزىل لېنتىلىرىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىسى «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى بۇرغىسى»نى چالدى. بوم ھەم جاراڭلىق بۇرغا ساداسى كىشىلەرنى خۇددى داۋالغۇپ تۇرغان تارىخىي دەۋرلەردە تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى.
«ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئورۇن ئالسۇن» دېگەن بۇيرۇققا ئەگىشىپ، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قوراللىق تىك تۇردى.
سائەت دەل 10 دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرانە جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈرلەر خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار سالىمى بەردى.
ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى مەھكەم كۆتۈرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا ئاستا بېرىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ تەگلىكىگە قويدى.
شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ تەگلىكىگە چىقىپ، گۈل سېۋەتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ زەن سېلىپ قارىدى. ئوتقاشتەك ئېچىلغان، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللەرگە خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چەكسىز سېغىنىش ۋە ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.
شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىلىرىنى ئەستايىدىل تۈزەشتۈردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا ئايلىنىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا.
ئۆسمۈر-بالىلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسى ۋەكىللىرىمۇ تەرتىپ بويىچە خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى گۈللەرنى تەقدىم قىلدى ھەمدە خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمغا بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئوردېن ۋە شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل