جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلەندى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى 30-سېنتەبىر كەچتە خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى مۇقەررەر ھالدا يېڭى، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ، مۇقەررەر ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
لى چياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو ۋە چەتئەللىك 3 مىڭچە زات بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، «2024-1949» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى ئوتقاشتەك قىزىل بايراقلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە «مېھمان كۈتۈش مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار زىياپەت زالىغا كىرىپ، كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، زالدا ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى.
جاراڭلىق بۇرغا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشتىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت-بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان بۇ ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادرولۇق رولىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش شەرت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇش شەرت. خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش شەرت. تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنى، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق تومۇرداش، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92ـ يىل ئورتاق تونۇشى» دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلب رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەقىقىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، تارىخنىڭ چاقىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار بىر يەر شارىدا بىللە تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تەقدىرداش. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 75 يىللىق جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كارتىنىسى ھەمدە چەكسىز پارلاق ئىستىقبالى نامايان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز كەڭ ھەم تۈز بولىۋەرمەيدۇ، جەزمەن جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەرلەر بولىدۇ. بىز خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، بارلىق ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى قەتئىي يېڭىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق قىيىنچىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يۇشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، لى رۈيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار بار.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر قايسى ساھەدىكى مەشھۇر زاتلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، پېشقەدەم جياڭجۈنلەر، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ۋاپات بولغان رەھبەرلىرىنىڭ جۆرىلىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، «دوستلۇق ئوردېنى»، «1-ئىيۇل ئوردېنى»، «1-ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئىنقىلابىي يارىدار، مېيىپ ھەربىيلەر ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى قىسمەن زاتلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ زاتلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە جۇڭگو چىياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، بىر قىسىم چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەللىك دوستلار قاتارلىقلارمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن، ساغلام بولۇشىغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت