شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازانغا يېتىپ باردى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قازان شەھىرىگە باردى.
مەخسۇس ئايروپىلان قازان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مەمۇرى مىننىخانوۋ، جۇمھۇرىيەت زۇڭلىسى پېسوشىن، قازان شەھىرىنىڭ باشلىقى مېتېرشىن ۋە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بەردى، ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم كىيگەن رۇسىيەلىك قىزلار ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن بويىچە قارشى ئالدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتىۋالدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى