ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-25 09:29

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 24-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن قازان كۆرگەزمە مەركىزىدە «كېسەك ئالتۇن+» رەھبەرلەر سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ روشەن بەلگىسى. يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تەڭ قەدەم تاشلىشى دۇنيا تارىخىدىكى چوڭ ئىش شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك مۇساپىسىدىكى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ئۇلۇغۋار ئىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى يەنىلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ گۈللىنىش يولى جەزمەن تۈپ-تۈز بولمايدۇ. يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنچى چاسا سەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كوللېكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز تىنچلىقنى قوغداشتىكى مۇقىم كۈچ بولۇپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە تېگىشلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. مەن ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىشىمىز كېرەك. غەززە رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قايتا باشلاش ھەم ئۇرۇش ئوتىنىڭ لىۋاندا يامرىشىنى توسۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىياتنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىكى تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى خەلقئارا ئىقتىساد سودا قارالمىسىدىكى مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ سېلىنىشىغا سەپەرۋەر قىلىنىپ، 1100 دىن ئارتۇق تۈر قانات يايدۇرۇلدى. دۇنيا سانائەت سۈنئىي ئەقىل ئىتتىپاقى جويۆ مەركىزى يېقىندا شاڭخەيگە ماكانلاشتى، جۇڭگو يەنە دۇنيا «ئاقىل تاموژنا» توردا ھەمكارلىشىش سۇپىسى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تاموژنا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز مەدەنىيلىكتە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ بولۇپ، ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىنى قوللىشىمىز كېرەك. جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن يەر شارىنىڭ جەنۇبى ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بويىچە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر يەر شارىنىڭ جەنۇبىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدا يىلتىز تارتىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا ۋە بىرازىلىيە، ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئېفىيوپىيە ۋەكىللىرى، تەكلىپ قىلىنغان مېھمان دۆلەتلەرنىڭ 25 رەھبىرى ياكى ۋەكىلى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى روسسېف قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئالتە مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ 23-ئۆكتەبىر كەچتە، پۇتىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە مېھمان دۆلەت رەھبەرلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.