2024-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئالتە يىلدىن بۇيان سۆھبەت ئارقىلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن دورا 800 مىليون ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزدى
2024-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى نەق مەيدان باھا تالىشىش سۆھبىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي باشلاندى، بۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنىڭ ئۇدا 7-يىل جانلىق تەڭشىلىشى بولۇپ، مۇندەرىجە ئىچىدىكى دورا تۈرلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆستى.
دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى، نەتىجىسىنى بېكىتىشى ئارقىلىق، جەمئىي 162 خىل ھەممىباب دورا سۆھبەتكە، باھا تالىشىشقا قاتنىشىدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جايلاردىن كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبىتى مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ سۆھبەتلىشىدىكەن.
دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى سېتىۋالغان دورىلار ئىچىدە، مۇندەرىجە ئىچىدىكى دورا سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90 تىن ئاشقان. دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى تاۋ مۇنداق دېدى: ئالتە يىلدىن بۇيان، «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش»تا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلار مۇۋاپىق باھادا تېز سۈرەتتە مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇندەرىجە ئىچىدىكى تۈرلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئۆسمە، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، جۈملىدىن يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق بىر قىسىم سوزۇلما كېسەللىكلەرنى داۋالاش ساھەسىدە، نۇرغۇن يېڭى مېخانىزم، يېڭى نىشان نۇقتىسىدىكى دورىلار كىرگۈزۈلدى. نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلار شۇ يىلى تەستىقلىنىپ، شۇ يىلى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتە يىلدىن بۇيان، سۆھبەت ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن دورىدىن 446سى يېڭىدىن كۆپەيگەن، كېلىشىم مۇددىتى ئىچىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى چىقىمى 340 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 800 مىليون ئادەم (قېتىم) نەپكە ئېرىشىپ، ئالاقىدار دورىلارنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 500 مىليارد يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2023-يىلى سۆھبەت ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن دورىدىن 105ئى بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 7 مىليون 978 مىڭ ئادەم (قېتىم) نەپكە ئېرىشكەن.
دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 11-ئاينىڭ بېشىدا بۇ يىللىق مۇندەرىجىنى تەڭشەش نەتىجىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلىنىدىكەن، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى نۇسخىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت