ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-02 11:43

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. تۆتتىن ئۈچ ئەسىر داۋاملاشقان تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ھاياتىي كۈچكە تولدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز جۇڭگو سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو سىلوۋاكىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو-سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇنداق تۆت جەھەتتىن داۋاملىق تۈرتكە بولسا بولىدۇ. بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىش. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. جۇڭگو ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، سىلوۋاكىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بازار ئېچىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش. پارتىيە، يەرلىك، ياشلار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇلار ئالاقىسى ۋە سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرۇپ، كۇڭزى شۆيۈەنى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاش. جۇڭگو سىلوۋاكىيە پۇقرالىرىغا چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسىنى 15 كۈن كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلدى. تۆتىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادا، ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو-ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك پىشىپ يېتىلىش ۋە مۇقىملىقنى نامايان قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوغا ئاكتىپ، ئەمەلىي سىياسەت قوللىنىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

فىسو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: سىلوۋاكىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ قارايدۇ. سىلوۋاكىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ قېتىم مەن نۇرغۇن مۇھىم كابىنېت ئەزالىرى ۋە كارخانىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدىم، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىلوۋاكىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈرۈش. جۇڭگونىڭ سىلوۋاكىيە پۇقرالىرىغا چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسىنى 15 كۈن كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى قوللانغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، سىلوۋاكىيە ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. سىلوۋاكىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئالقىشلايدۇ، بىر تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە جۇڭگو بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىزچىل پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەپ، سىلوۋاكىيەنىڭ ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە، ئادىل پوزىتسىيەدە بولغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، سىلوۋاكىيە ۋە تېخىمۇ كۆپ مەسلەكداش دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە سۆھبەتكە نەسىھەت قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فىسو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئادىل، ئوبيېكتىپ، مول ئىجابىي بولدى، سىلوۋاكىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسى «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.