ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توسۇقلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، مۇھىت ياخشىلىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم، مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-26 10:45

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە كۈچ چىقىرىدىغان فاڭجېن-سىياسەتلەردە چىڭ تۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى زىچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بازار ئىجازىتى توسۇقلىرى داۋاملىق بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسەت-تۈزۈمى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

4-پەسىل كىرگەندىن بۇيان، پۇقراۋى كارخانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر چۆرىدىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كارخانىلارغا ياردەم بېرىش قەدىمى تېزلىتىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرى چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مەسلىھەتچىلىكى مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى كۆزىتىش مۇلازىمەت مېخانىزمى ۋە «ئاق تىزىملىك» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللىدى. شېنجېندىكى 49 بانكا 103 خىل ئىناۋەتلىك قەرز مەھسۇلاتىنى بازارغا سېلىپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ توغرا ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇردى. سىچۈەننىڭ چېڭدۇدا، 200 دىن ئارتۇق سىياسەت تۈرى «روڭيى بەھرىمەن بولۇش» سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلدى، كارخانىلار ئېھتىياجلىق بولغان سىياسەت ماددىلىرى ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرۇلۇپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئىلتىماسنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەقلىي تەكشۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نەقلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەقىقىي، ئەمەلىي بولغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى ۋە ھاياتىي كۈچىگە ئايلانماقتا، رويخەتكە ئالدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانى مۇقىم ئېشىپ، 55 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا كۆلەملەشكەن خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %55.1 كە يېتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ كۆپ قېتىم يەرلىككە چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلىدى. ئۇ تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى چۆرىدەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. ئۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلىنىشىنى قوللاش ھەققىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات-كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشى، زورىيىشى، يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى، پۇقراۋى كارخانىلار، شېرىكلەشكەن كارخانىلار بۇ جەھەتتە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشى، ئورتاق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە رىقابەتلىك كەسىپلەرنى قويۇۋېتىشتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. يېڭىدىن تەستىقلانغان بەش يادرو ئېلېكتىر تۈرىنىڭ ھەممىسىگە ئەلئىچى كاپىتالى جەلپ قىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي قوشۇش نىسبىتى تۇنجى قېتىم %10 كە ئۆستۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە پۇقراۋى مەبلەغ پاي كونترولى بويىچە قۇرۇلغان ئىككىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولغان خاڭجۇ-ۋېنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى. يېڭى نۇسخىدىكى بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، پات ئارىدا 5-قېتىملىق قىسقارتىش تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ. تارماقلار بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان 4218 سىياسەت-تەدبىرنى مەركەزلىك ئېنىقلاپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كارخانىلارنىڭ كۆچۈشىگە چەكلىمە قويۇش، بازارغا كىرىش توسۇقى تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم قىلمىشلارنى تۈزەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالدىنقى ئايدا، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. شىركەت قانۇنى، ئاكسىيە قانۇنى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېزلىتىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرى قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كارخانىچىلار خاتىرجەم ئىشلەش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

ئامىل جەھەتتىن قوللاش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ جانلىق تەدبىرلەردە پۇقراۋى كارخانىلارغا ئەھمىيەت بېرىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان، يېڭىدىن تارقىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى پۇقراۋى كارخانىلارغا تېز توپلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ قابىل پۇقراۋى كارخانىلار دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، زور پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى پۇقراۋى كارخانىلارغا يەنىمۇ ئېچىۋېتىلدى. سودا ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەردە، پۇقراۋى كارخانىلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

ئىسلاھات كۈچ چىقىرىپ، سىياسەت كۈچ قوشۇپ، كارخانىلار تىرىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدى، ئېلىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توسۇقلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، مۇھىت ياخشىلىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ،