غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلمەكتە
باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
تاغ-دەريالاردىن ھالقىغان يېڭى يول ئېچىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تۈگۈنلەشكەن ئەشيا ئوبوروت تورى تېز بەرپا قىلىنىپ، «ئەشيا ئوبوروتى+سودا+كەسىپ» يۈرۈشۈش ئەندىزىسىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىلىپ، غەربىي رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىندى.
ئالدىنقى ئايدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەسىنى توشۇيدىغان پويىز چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، گۇاڭشىنىڭ بېيبۇۋەن قولتۇقىدىكى فاڭچېڭگاڭ شەھىرىگە يېتىپ باردى، ئاندىن بۇ ماللار پاراخوتقا قاچىلىنىپ دېڭىز سەپىرىگە ئاتلاندى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت چېگرا ئېغىزى ئەشيا ئوبوروتى ئىشخانىسى تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پېڭ چيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ باتارېيەسىنى غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم تۆمۈريولدا توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، يول تىرانسپورت ئىقتىدارىدا يېڭى بۆسۈش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كەلگۈسىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ باتارېيەسىنى تۆمۈريولدا كۆلەملەشتۈرۈپ توشۇشقا ئەگىشىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ، بىزنىڭ يول قۇرۇلۇشى سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىزنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭنى يۈرۈشتۈرۈش مەركىزى، غەربىي رايوندىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن قىلىپ، تۆمۈريول، دېڭىز قاتنىشى، تاشيول قاتارلىق تىرانسپورت شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىز بويى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تۇتىشىدۇ.
يول ئەشيا ئوبوروتىغا، ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىساد-سودىغا، ئىقتىساد-سودا كەسىپكە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى تۆمۈريول-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك تىرانسپورت تۈرى 1100 خىلدىن ئېشىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، پۈتۈن ئاپتوموبىل ۋە زاپچاس قاتارلىق نەچچە ئون چوڭ تۈرنى قاپلىدى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك سودا كومىتېتى تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ يۈشىن مۇنداق دېدى: غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى، چەتئەل بازارلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىشقا يېتەكلەپ، مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردۇق.
15-دېكابىر سائەت 10 غىچە، بۇ يىل غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى تۆمۈريول-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىدا 903 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق مال توشۇلدى، توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مىقداردىن ئېشىپ، تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇ سانلارنىڭ كەينىدە مۇنداق بىر قاتار ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بار: چۇڭچىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ «بىر تالون تۈزۈمى» ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇردى؛ گۇاڭشى دېڭىز-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «بىر كۆزنەكلىك باھا»دىن 183 نى ئاچتى.
يۈننەننىڭ شىشۇاڭبەننادىكى موخەن چېگرا ئېغىزىدا، ئىمپورت قىلىنغان 16 توننا ليۇليەن قاچىلانغان جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى «لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى تېز لىنىيەسى» خەلقئارا يۈك پويىزى بەش مىنۇتتىلا تاموژنىدىن ئۆتتى. جۇڭگو تۆمۈريولى كۈنمىڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى چېڭ يىدا مۇنداق دېدى: بىز يېڭى «تۆمۈريول تېز لىنىيەسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىشنى پائال كېڭەيتىپ، تۆمۈريول بىلەن تاموژنا ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا يۈك پويىزلىرىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى تىرىشىپ قىسقارتىپ، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.
گۇاڭشىنىڭ بېيبۇۋەن پورتى غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىدىكى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز كېسىشىدىغان مۇھىم دەرۋازا. بېيبۇۋەن پورتىدا دېڭىز-تۆمۈريول سانلىق مەلۇماتلىرى دەرقەمتە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىۋېرسال مەشغۇلات ئۈنۈمى %20 ئاشتى. بېيبۇۋەن پورتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى كەيشەن مۇنداق دېدى: تۆمۈريول مەركىزىي ۋوگزالىنىڭ چۈشۈرگە ئېغىزى، دۆۋىلەش مەيدانىدا قاچىلاش-چۈشۈرۈش، ئالدىن كېلىشىش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاسىتە ئۆزئارا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئەسلىدىكى ھەر 30 مىنۇتتا قەرەللىك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر بىر مىنۇت ئىچىگە ئازايتىلىپ، دېڭىز-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت مەشغۇلاتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى.
غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لىنىيە بويىدىكى جايلار ئارىسىدىكى تۆمۈريول، دېڭىز قاتنىشى لىنىيەلىرى ئۈزلۈكسىز راۋانلاشتى، يول تەدرىجىي ھالدا «بىر لىنىيە»دىن «بىر تور»غا ئۇزارتىلدى.
قۇرۇلۇۋاتقان پىڭلۇ قانىلى غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىدىكى غوللۇق قۇرۇلۇش. 21-دېكابىر، پىڭلۇ قانىلى چىشى تۈگۈن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ تۇنجى پولات ساندۇقسىمان لىمىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش تاماملاندى. پىڭلۇ قانىلى پۈتكەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا شىجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىدىن جەنۇبقا قاراپ دېڭىزغا بارىدىغان چوڭ يول ئېچىلىدۇ. پىڭلۇ قانىلى گۇرۇھى گۇاڭشى پىڭلۇ قانىلى قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى پەن جيەن مۇنداق دېدى: چوڭ كۆۋرۈك-پىڭلۇ قانىلى چىشى تۈگۈنىدىن ھالقىپ ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرىدىغان ھالقىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى. 22-دېكابىرغىچە، پىڭلۇ قانىلى قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 46 مىليارد 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تاماملىنىش نىسبىتى %63.9 كە يەتتى.
بۇ يىل-«غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى ئومۇمىي پىلانى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. پىلانغا ئاساسەن، 2025-يىلىغا بارغاندا، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، يېشىل، بىخەتەر غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتىدۇ. ھازىرغا قەدەر، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى 126 دۆلەت ۋە رايوندىكى 548 پورتقا تۇتاشتۇرۇلدى. دۆلەتلىك تۆمۈريول ئىدارىسى تىرانسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قائىدە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز، خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن پىلاننى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز، خەلقئارا تۆمۈريول يۈك بىرلەشمە تىرانسپورت قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشمە تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار