ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت 1-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-14 15:46

  2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت 1-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي باشلاندى، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 40 كۈن بولىدۇ. قاتناش تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ سەپەرگە چىقىدىغانلار 9 مىليارد ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 0 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە، 4159K- قېتىملىق پويىزنىڭ بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ، 2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ بېيجىڭ رايونىدىكى تۇنجى يولۇچىلار پويىزى رەسمىي يولغا چىقتى. بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چاۋ مۇنداق دېدى: بىز چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ۋوگزالدىكى بارلىق ئۈسكۈنە ئەسلىھەلەرنى تولۇق تەكشۈرۈپ بولىمىز. بىز پويىز كۈتۈش رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق، يەنە پويىز ئالمىشىشقا قولاي رايونمۇ تەسىس قىلدۇق.

  بۇ يىل چاغانلىق تىرانسپورتتا مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا توشۇلىدىغان يولۇچى 510 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى چاغانلىق تىرانسپورتقا قارىغاندا %5.5 ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى يولۇچىلار تىرانسپورت بۆلۈمى يولۇچىلار تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەمدى بىز 12306 ئالدىن سېتىلغان بېلەت ۋە كېيىن تولۇقلاپ سېتىلىدىغان بېلەت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، شارائىت يار بېرىدىغان قىزىق نۇقتا يۆنىلىشى ۋە ۋاقىتتا توشۇش كۈچى بايلىقىنى كۆپەيتىپ، چاغاندىن بۇرۇنقى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىدە يولۇچىلار قىزىق نۇقتا رايونلىرىدا كېچىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى كۆپەيتىمىز.

  بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، يولۇچى توشۇش مىقدارى 90 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ئايرودۇرۇم ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە مۇددەتتىن بۇرۇن پىكىر ئالماشتۇردى. بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى دۇەن خۇڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندا داشىڭ ئايرودۇرۇمى بارلىق يولۇچىلارنى چىقىم قىلىش، قاتناش، مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە خەۋەرلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن «بېيجىڭ مۇلازىمىتى» ئايرودۇرۇم مۇلازىمەت نۇقتىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت 1-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي باشلاندى

2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت 1-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي باشلاندى، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 40 كۈن بولىدۇ. قاتناش تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ سەپەرگە چىقىدىغانلار 9 مىليارد ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.