2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت باشلاندى، كۆپ تەرەپلەر سەپەرگە چىقىشنىڭ راۋانلىقىغا بىرلىكتە كاپالەتلىك قىلماقتا
2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت 1-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، تۈنۈگۈن پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ سەپەرگە چىققانلار 170 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. تۆمۈر يول، سۇ تىرانسپورتى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تاشيول تارماقلىرى تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش يولىنىڭ تىنچ، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.
چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ تۇنجى كۈنى، بېيجىڭ چاۋياڭ ۋوگزالى يۇرتىغا قايتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە قىشلىق تەتىلگە ئەمدىلا قويۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار. بۇ يىل چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، بېيجىڭ چاۋياڭ ۋوگزالىدا 1 مىليون 524 مىڭ 100 ئادەم، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38 مىڭ 100 ئادەم توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئېشىشى مۆلچەرلەندى؛ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، شۇ كۈنى 82 مىڭ 600 يولۇچى توشۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. بېيجىڭ چاۋياڭ ۋوگزالى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ چاۋياڭ ۋوگزالى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا تېز كىرىشى ۋە پويىزغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. يولۇچىلار كۆپ بولغان ئەھۋالدا، يولۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ۋوگزالغا كىرىشى ئۈچۈن، بىز ھەر قايسى ۋوگزاللارغا كىرىش ئېغىزلىرىدا «جىددىي يولۇچىلار» يولىنى كۆپەيتتۇق، بىز يەنە تېز سۈرئەتتە ۋوگزالغا كىرىش زالىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ يەر ئاستى ئالمىشىش قەۋىتىدە تېز سۈرئەتتە ۋوگزالغا كىرىش زالى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ۋوگزالغا كىرىپ، بېلەت تەكشۈرتىپ پويىزغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىمىز.
چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ تۇنجى كۈنى، مۇخبىر بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قەددىنى رۇسلاپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئەستايىدىل ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ چارلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى مەخسۇس ۋەزىپە ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا نۇقتىلىق قاراۋۇللۇق قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى. يولۇچى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ جەسۇرانە قىياپەت بىلەن قەددىنى رۇسلاپ پوستتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك تۇيغۇم ھەسسىلەپ ئاشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 30 مىڭ تونناژلىق چوڭ تىپتىكى «جىلۇڭداۋ» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىن دەل ۋاقتىدا گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقتى، بۇ چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ تۇنجى كۈنى داليەن قولتۇقى يولۇچىلار بېكىتىدىن يولغا چىققان تۇنجى نۆۋەتچى پاراخوت بولۇپ، مەنزىلى شەندۇڭنىڭ يەنتەي. يولۇچى ليۇ يۈچېن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ليۇ يۈچېن مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشىم، بەك رومانتىك ئىكەن، دېڭىزدا كۈن پېتىشنى كۆرسە ئادەم بەك يېنىكلەپ قالىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ ئامان-ئېسەن ئۆيگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يىل چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، داليەن پورتى تۇنجى قېتىم ئاپتوماتىك بېلەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى، پاراخوتقا ئولتۇرغان يولۇچىلار يۈز تونۇتۇش ۋە كىملىك سۈركەش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق بېلەت تەكشۈرۈشنى تاماملىيالايدۇ. دالىيەن پورتى يولۇچىلار تىرانسپورتى شۆبە شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى يۈز تونۇتۇش بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتەك بۇ خىل ئۇسۇلغا سېلىشتۇرغاندا، مەشغۇلات ئۈنۈمى %70 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كەلگۈسىدە شىركىتىمىز بارلىق پورت رايونلىرىدا بۇ خىل ئۈسكۈنىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.
چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ تۇنجى كۈنىدە، شاڭخەي خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇمىدا 783 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىدى، يولۇچىلار 133 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، شاڭخەي پۇدۇڭ، خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇملىرىدا 93 مىڭ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ، 14 مىليون 920 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ يىل چاغانلىق تىرانسپورتتا تۇغقان يوقلايدىغانلار، يۇرتىغا قايتىدىغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەڭ كېلىش، «قار-مۇز ساياھىتى»، «سوغۇقتىن ساقلىنىش ساياھىتى» قىلىدىغان يولۇچىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىش، شۇنداقلا دۆلەت ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەر يۈزى مۇلازىمەت بۆلۈمى خۇڭچياۋ يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ شىجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتچى خادىملارنى كۆپەيتىش، ئۆزى ئاپپاراتتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، ئۆزى يۈك-تاقنى توشۇشقا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاھىدە يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
بۇ يىل چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، خېنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئومۇمىي ئاپتوموبىل مىقدارى 80 مىليوندىن ئېشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئاپتوموبىل مىقدارى 2 مىليونغا يېتىپ، قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بېسىمى ئېغىرلاشتى. خېنەن ئۆلكىلىك گۇڭئەن نازارىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ ساقچىسى فېڭ لېي مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، 2-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 5-كۈنى ئاپتوموبىللار ئەڭ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 3 مىليون 453 مىڭغا يېتىدۇ؛ چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئاپتوموبىللار تەدرىجىي ئازىيىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت