شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن 17-يانۋار بېيجىڭدا چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى ھەم نەق مەيداندىكى پېشقەدەم ھەربىيلەر ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.