ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«گۈزەل ئىقتىساد» ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-20 12:56

چاغان يېتىپ كېلىش  ئالدىدا تۇرماقتا، جايلاردا «چاغانلىق گۈل» سېتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ھەر خىل چىرايلىق گۈللەر چاغانلىق بازارنى گۈزەللەشتۈردى، «گۈزەل ئىقتىساد» ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرى چىڭجۇ شەھىرىدىكى بىر گۈل سودىسى مەركىزىدە ھەر خىل گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. خېرىدارلار گۈل-چىچەكلەر ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بازار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. خېبېيدىن كەلگەن سودىگەر جاڭ رۈي يېقىندا چىڭجۇغا كۆپ قېتىم بېرىپ مال سېتىۋالدى، ئۇ: چاڭشوۋ گۈلى بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى، يېقىندا بۈ گۈل ناھايىتى تېز سېتىلدى. بۇ قېتىم 1000 تەشتەك ئالدىم، قايتىپ بېرىپ ئىككى، ئۈچ كۈندىلا سېتىپ بولىمەن، بۇ گۈلنى كىشىلەر بەك ياقتۇرىدۇ، باھاسى يۇقىرى ئەمەس، چاغاندا ئۆيگە تىزىپ قويسا ناھايىتى ياخشى،دېدى.
ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى شۇشەن رايونى جىڭگاڭ بازىرىنىڭ شىلىديەن مەھەللىسىدىكى گۈل بازىرىدا، نۇرغۇن گۈل دۇكانلىرىغا كۈركۈم گۈلى، گۈلسامساق قاتارلىق ئەنئەنىۋى چاغانلىق گۈللەر تىزىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تاللىشىغا قولايلىق يارىتىلدى. سودىگەر جىن خېنىڭ گۈل سودىسى قىلىۋاتقىنىغا 17 يىل بولدى، يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئەتىرگۈل، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق چاغانلىق گۈللەر يەنىلا دۇكىنىدىكى تېز  سېتىلىدىغان گۈللەر بولۇپ قالدى.
جىن خې: چاغاندا ئەتىرگۈل، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ گۈل ماتېرىياللىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.
شيامېننىڭ شىئەن يولىدىكى ھەر خىل رەڭدىكى كېپىنەكسىمان ئورخىدىيە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، چىللىگۈل ۋە ئىلېكس دەرىخىنىڭ شاخلىرى قىپقىزىل تون بىلەن پۈركەندى، ئاپئاق نەرگىس گۈلى خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى.
گۈل دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋەن خانىم: ئەنئەنىۋى كېپىنەكسىمان ئورخىدىيىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغاندىن سىرت، چىنىگۈل، ۋۇفۇگو ۋە دولانا، ئىلېكس قاتارلىقلاردىن ياسالغان چاغانلىق گۈل تەشتىكى، يوڭشېڭ گۈلىدىن ياسالغان «بەخت» خېتى، يىلان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چاغانلىق رەسىم قاتارلىقلارمۇ ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىز بۇ يىل يوڭشېڭ گۈلىنى چاغانلىق گۈل سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم سېتىپ، يېڭى يىل ئامىلىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياشلارنى جەلپ قىلدۇق، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«گۈزەل ئىقتىساد» ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جايلاردا «چاغانلىق گۈل» سېتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ھەر خىل چىرايلىق گۈللەر چاغانلىق بازارنى گۈزەللەشتۈردى، «گۈزەل ئىقتىساد» ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.