شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى
شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىلىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنىڭ دۆلەتنىڭ «بەش چوڭ بىخەتەرلىكى»نى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە يۇغۇرۇلۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چياڭ دوكلات بەردى، ئۆلكە باشلىقى خۇ يۈتىڭ قاتارلىقلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ، جىلىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە بولغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپ تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېتىلدۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جىلىننىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن تەتقىقات بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، بىر تۈركۈم زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىدە تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قار-مۇز، تەبىئىي مەنزىرە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئۆزگىچە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ رايون ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، چاڭچۈن زامانىۋى شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمال رايونىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش-شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، ئىسلاھات قارالمىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش؛ مەيلى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولسۇن ياكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىپ ئارقىلىق يول باشلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم خاس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال يۇغۇرۇلۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش-يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق چوڭ ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى. جىلىن زامانىۋى يىرىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى، داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى؛ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى زىچ تۇتاشتۇرۇش»، «چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى زىچ تۇتاشتۇرۇش»، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن سانائەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى يېتەرلىك، جانلىق ئىشلەپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىشى؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئاممىۋى مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەلەرنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىي يېزا كەيپىياتى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچ-ئامان، قانۇنچىل يېزا-كەنت ۋە ياشاشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان ئىناق ۋە گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىلىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش؛ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سودىسى، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى شارائىتقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ھەر قانداق ۋاقىتتا چىڭ تۇتۇش شەرت. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشكە موھتاج. توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە خىزمەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياخشى نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش؛ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش-تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ چىڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق تەقسىملەش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەكلىمە قويۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، كادىرلارنىڭ قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا دادىل ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار