جايلار بىرىنچى پەسىلنى غەلىبىلىك باشلىدى
باش باھار كىرىشى بىلەن، بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەر جىددىي ئىلگىرى سۈرۈلدى، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جايلار قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، بىرىنچى پەسىلنى غەلىبىلىك باشلىدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چۇڭچىڭ خەلقئارا تۆمۈر يول پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ چۇڭچىڭدىكى 7-ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، بۇ يەر چۇڭچىڭ تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزىغا يېقىن، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى رايونى شىركىتى پىلانلاش قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى زى: ئىلگىرىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، بۇ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشى بۇ يىل 3-ئايدا تاماملىنىدۇ، 4-ئايدا دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ئىلتىماس قىلىمىز، دېدى.
چۇڭچىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە بىر تۈركۈم چوڭقۇر جىپسىلىشىدىغان، يۇقىرى دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەن، كەسىپتە ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك چوڭ تۈرلەرنى تاللاپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ تۈر تىزىملىكى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈردى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى گاۋ جيەن مۇنداق دېدى: بىز دىققەتنى شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى زور ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە ئۈچ تۈر تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردۇق، 100 گە يېقىن تۈرنى كىرگۈزدۇق، ئومۇمىي مەبلەغ 550 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىچكى-تاشقى يول قۇرۇلۇشى، شەھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-يېڭىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك تىرەككە ئىگە قىلىمىز.
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونىدا، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، مۇھىت ئاسراشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بۈيۈك مەلۇمات باش ئورگىنى تۈرىدە يېقىندا ئىش باشلىنىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مۇلازىمەتچىلىك توپلاشقان رايون بەرپا قىلىشنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ يۇڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە يېڭىلىق يارىتىلىپ «چاڭجياڭ بۇلۇتى»، «كاربونسىز بۇلۇت» بەرپا قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن، كاربون ھېسابلاش، كاربون باشقۇرۇش، كاربون تۆۋەنلىتىش، كاربون تۈگىتىش بويىچە بىر بىركەتلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. گاۋ يۇڭخۇا مۇنداق دېدى: بىز كەسىپ چوڭ مودېل تەجرىبىخانىسى، شۇنداقلا ئالاقىدار تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئەندىزىسى بەرپا قىلىمىز، قۇرۇلۇشنى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىشىمىز مۇمكىن.
سۇجۇ شەھىرى يېقىندا «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت -تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ماس تەرەققىيات مېخانىزمى ئورنىتىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق 17 تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇجۇ شەھىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باش سۇپىسى ۋە يېتەكلەش خاراكتېرلىك تۈرلەرنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدار كارخانىلار ۋە تۈرلەرگە تولۇقلىما ۋە مۇكاپات بېرىدۇ، بىر كارخانا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 مىليون يۈەندىن بەھرىمەن بولىدۇ. سۇجۇدىكى چوڭ مەھسۇلاتلارنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رېنيۈەن مۇنداق دېدى: بىز باش ۋە ئاياغ ھالقىدىكى سودىگەر چاقىرىش، مۇلازىمەت قىلىشتا ئىنتايىن ياخشى رول ئوينىدۇق. بىز تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل ئامبارلىرىنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرىمىز.
بۇ ئىككى كۈندە، جياڭشى رۈيجىن خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى مەشغۇلات مەيدانىدا، قاچىلاش-چۈشۈرۈش خادىملىرى ماشىنىلار بىلەن يۈك ساندۇقلىرىنى پويىزغا قاچىلىدى، رۈيجىن ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ماللىرى بۇ يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، شيامېن، نىڭبو قاتارلىق پورتلار ئارقىلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىغا توشۇلىدۇ. مالنى چەت ئەللەرگە چىقىرىشقا ياردەملىشىدىغان بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى جۇ شۈيمىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق ئىشقا كىرىشىپ، زاكاز ماللارنى ئۈلگۈرتىۋاتىدۇ. ھازىر ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى قەغەز ئىستاكانلار، قەغەز قاچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆتكەن يىلى ئېكسپورت سوممىسى 50 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل ئېكىسپورت مىقدارى %30 ئەتراپىدا ئاشىدۇ.
رۈيجىن خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىغا 200 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان گەنجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىمۇ ئوخشاشلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. گەنجۇ قۇرۇقلۇق پورتى تۆمۈر يول تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ يۈفاڭ: ھازىرقى گەنجۇ پورتى ياغاچ ماتېرىيال توشۇشتىن ئىبارەت بىر خىللا يولدىن، كۆپلىگەن چېگرا ئېغىزىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان، كۆپ تۈرلۈك تىجارەت قىلىدىغان، كۆپ خىل ئۇسۇلدىكى بىرلەشمە تىرانسىپورت بىلەن شۇغۇللىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىگە ئايلاندى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا