ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئەزالارنى يوقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-07 17:14

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سالىدىغان، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈش شەرت.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
«8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن.
بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، جاڭ يۈنكەي، سەي گۇاڭجيې، جېڭ جياجيەن، شۈ كۈن، سۈي يالى، ما جىڭلىن قاتارلىق ئالتە ئەزا كەسپىي مائارىپ بىلەن رايون كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر كىتاب ئوقۇش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش، دۆلەت مائارىپ ئاقىل تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەكتەپ دەرسلىكىگە تايىنىپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، دېدى. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئەزالاردىن ھەمدە جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەركىزىي ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرى دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتكە قاتنىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا پائال ئاتلىنىپ، «بەش تەربىيە»نى تەڭ تۇتۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش شەرت. دىققەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس ۋە دەرستىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيەنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ مېڭىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە «كىچىك دەرسخانىسى» بىلەن جەمئىيەت «چوڭ دەرسخانىسى»نى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنى تېخىمۇ جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى-- مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. ئىلمىي مائارىپ باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دىرىژورلۇق تايىقىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئاساسىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ۋە جەمئىيەت سېلىنمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مائارىپنىڭ باشلامچىلىق، ئۇللۇق، تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي پەنلەر ۋە گىرەلەشمە پەنلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەكتەپ، كارخانا، يەرلىك بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەر خىل تىپ، ھەر خىل قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل-پاراسەتنى، كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ ۋە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.
شى تەيفېڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئەزالارنى يوقلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك