ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-08 14:25

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-مارت چۈشتىن كېيىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش-ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.يىغىندا، جۇ گاڭ، لى دۇڭ، فېڭ يەن، جېڭ يۈەنلىن، سۈي داۋخۇ، ليۇ شۇۋېي قاتارلىق ئالتە ۋەكىل سۆز قىلىپ، قورال-ياراغلارنى سىناق قىلىپ باھالاش بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللەنمە ساھەلەردىكى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر قاتار زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگىمۇ دۇچ كەلدۇق. سۈرئەت بىلەن سۈپەت، تەننەرخ بىلەن ئۈنۈم، ئومۇمىيلىق بىلەن مۇھىم نۇقتا، تەرەققىيات بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پىلاننى ئىجرا قىلىش بىلەن ئىقتىدار شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن تەننەرخلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخ ۋە ئەمەلىي جەڭنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىلاننى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، تارماق ھالقىغان، ساھە ھالقىغان، ئارمىيە ۋە يەرلىك ھالقىغان بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتتىن پايدىلىنىش ۋە تەمىنلەشنى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە خىزمەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، پىلاننى ئىجرا قىلىش زەنجىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋى باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئارمىيەنى تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە بايلىقىنىڭ سېلىنما مىقدارىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، خىراجەتنى ئىشلىتىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئۈنۈم-خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاش دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ سىستېمىسى تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئەۋزەل كۈچى ۋە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلغار تېخنىكىلارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇنى تېز ئۆزلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى، سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى باھالاپ چىقىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىرلىشىپ نازارەت قىلىش، بىرلىشىپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلاننى تاماملاش سۈپىتىگە، ئىقتىدارىغا، پاكلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-مارت چۈشتىن كېيىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ