ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-09 12:07

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2929 كىشى بولۇپ، 2869 كىشى قاتناشتى، 60 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2024-يىلى-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شانلىق مۇساپىسى، كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىدۇق. ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك قانۇنى، رېۋېزىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ۋەكىللەر قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسىگە ئىككى قېتىم قاراپ چىقتۇق ھەم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدۇق. ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقىي-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزدۇق. ئىككىنچى، قانۇن چىقىرىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق. بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي 39 قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 24 لايىھەنى ماقۇللىدۇق، بۇلار ئالتە قانۇن تۈزۈش، 14 قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆت قارار چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردۇق. «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 21 دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، بەش قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق، ئىككى قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش، توققۇز تۈرلۈك مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قارار چىقاردۇق. تۆتىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-پىكىر خىزمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت بىلەن ۋەكىللەرنىڭ ئالاقىسىنى، ۋەكىللەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى پائال، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدۇق. ئالتىنچى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق.
جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز خىزمەتتە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇق. بىز خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ۋەكىللەر ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.
جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2025-يىلى «14-بەش يىل»لىق پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەتچىلىك ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
جاۋ لېجى دوكلاتتا بۇندىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش؛ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش؛ «تۆت ئورگان» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش.
جاۋ لېجى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2024-يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 34 مىڭ 898 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 32 مىڭ 539 دېلونى ئاياغلاشتۇردى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم %65.5 ۋە %82.2 كۆپ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 46 مىليون 18 مىڭ دېلونى قوبۇل قىلىپ، 45 مىليون 419 مىڭ دېلونى ئاياغلاشتۇردى.
جاڭ جۈن دوكلاتتا 2024-يىللىق خىزمەتلەرنى مۇنداق بەش جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىدۇق؛ ئىككىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل ئىجرا قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشۇننى كۈچەيتىپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بەشىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق.
جاڭ جۈن دوكلاتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2025-يىلى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سوتلاش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، 14-بەش يىللىق پىلاننىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، 15-بەش يىللىق پىلاننى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ كۆزلىگەن ھالدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى؛ توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنى بەرپا قىلىشى؛ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىپ، سوتلاش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2024-يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلولاردىن جەمئىي 4 مىليون 99 مىڭ 600 نى بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بېجىرگىنى 8980.
يىڭ يۇڭ دوكلاتتا 2024-يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىككىنچى، تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ تۆتىنچى، تەپتىشلىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغدىدۇق؛ بەشىنچى، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئالتىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنى بەرپا قىلدۇق.
يىڭ يۇڭ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2025-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال يۇغۇرۇلۇپ، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تەپتىش خىزمىتى داۋامىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشى؛ پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئەمەلىي ئىشلەپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەپتىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
3-ئاينىڭ 8-كۈنى «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، يىغىندا، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نامى بىلەن، ھەر قايسى ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلار، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ئاياللىرىنىڭ بايرىمى تەبرىكلەندى ھەم گۈزەل تىلەكلەر تىلەندى.
يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى خۇڭجۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما فېڭگو، ۋاڭ جۈنجېڭ، ۋاڭ جيۇڭ، يىن خۇڭ، ليۇ نىڭ، شۈ چىن، لى يىفېي، ياڭ جېنۋۇ، شېن شياۋمىڭ، چېن گاڭ، جېڭ جيەنمىن، خاۋ پېڭ، خۇ چاڭشېڭ، جۇڭ شەن، شىن چاڭشىڭ، شىن چۈنيىڭ، لۇ چىنجيەن، شۈ لىن، تاڭ دېڭجيې، لۇ شىنشې، لياڭ يەنشۈن، يۈ يۈنلىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى