ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى يېپىلدى شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-11 11:03

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شى تەيفېڭ، خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. 
يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا باشلاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2154، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2082 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىدىن بۇيانقى  تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى  تەۋسىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەۋسىلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.
ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆزگىرىشكە سالماقلىق بىلەن ماسلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى؛ ئۇلار بىردەك: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرىدە، ئورنىدا، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل-پاراسەتنى، كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.
يېپىلىش يىغىنىغا يەنە ما شىڭرۈي، ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يۇشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ قاتارلىقلار  قاتناشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو چىياۋمىنلىرى قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى يېپىلدى شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.