چىڭمىڭ بايرىمىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
قەھرىمانلار مىللەتنىڭ ئەڭ يارقىن بەلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈمىدۋار مىللەتنىڭ قەھرىمانى بولمىسا بولمايدۇ، ئىستىقباللىق دۆلەتنىڭ ئاۋانگارتى بولمىسا بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمىدا، جايلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئۇلۇغ روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
چىڭمىڭ بايرىمىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش مەشئىلى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈلدى. جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، كىشىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.
2016-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭگاڭشەنگە بېرىپ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىشىمىز، ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىشىمىز، ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، ئۇلارنىڭ قىزىل گېنىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.
جياڭشىنىڭ جىڭگاڭشەندىن گۈيجۇنىڭ زۈنيىغىچە، شەنشىنىڭ يەنئەندىن خېبېينىڭ شىبەيپوغىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش ئىزلىرىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قالدۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلارنى قوغداش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا يېتەكلىدى.
بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. جياڭسۇنىڭ خۇەيئەندىكى يېڭى تۆتىنچى ئارمىيە ليۇلاۋجۇاڭ لىيەنى خاتىرە باغچىسىدا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار گۈل كۆتۈرۈپ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە، كىشىلەر «18-سېنتەبىر» تارىخىي مۇزېيىغا كىرىپ، خاتىرە ئابىدىسىگە گۈل سېۋىتى ۋە گۈلدەستە قويدى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھى ئەۋج ئالدۇرۇلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيخەيدە، كىشىلەر ماشىشەن تېغى ئون قەھرىمان خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، ئون قەھرىماننىڭ ئاممىنىڭ مۇھاسىرنى بۆسۈپ چىقىشىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆلۈمدىن قورقمىغانلىقىدەك قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى ئاڭلىدى؛ گۇاڭدۇڭنىڭ خۇيجۇدا، پىشقەدەم ئەسكەرلەر ئەۋلادلىرى دۇڭجياڭ كالوننىسى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ـ ئىزلىرىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى ۋە ئەسلىدى؛ سەنشى داتۇڭنىڭ لىڭچيۇ ناھىيەسىدە، پىڭشىڭگۇەن زور غەلىبىسى خاتىرە سارىيىدىكى تارىخىي سۈرەتلەر، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىشىلەرگە پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى زور غەلىبىسىنى نامايان قىلدى.
ئۇلۇغ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى. خېنەن شىنشيەن ناھىيەسى خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، كىشىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە تېمى، خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، دابيېشەن روھىغا ۋارىسلىق قىلدى؛ خۇنەننىڭ چاڭشادا، كىشىلەر لېي فېڭ خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، ئىلغار ئىش-ئىزلارنى ئۆگىنىپ، لېي فېڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇردى؛ دوڭفېڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 900 دىن ئارتۇق كىشى قەبرە سۈپۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى ھېس قىلىپ، ئالەم قاتنىشى پېشىۋالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
قەھرىمانلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ئۇلار ياراتقان ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش. خۇبېي ئۆلكىسى لەيفېڭ ناھىيەسى جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىنقىلابىي ھېسسىياتىنى بىرلىكتە ياد ئەتتى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەگە بىرلىكتە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك باتۇرانە ئېسىل پەزىلىتىدىن ئۆگەندى.
ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك؛ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگىچە، كىشىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش داۋامىدا غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتتى.
قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئەجدادلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىندى. لياۋنىڭ-شېنياڭ ئۇرۇشى قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىلىرىدا، قىسىملاردىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا