«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئىسپانچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەرجىمە-تەھرىرلىك نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلدى.
«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ياپونچە نۇسخىلىرى چەتئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ماڭغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى فورماتسىيەسى، نامايان قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا بولغان ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشتە، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت