«يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش» يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى
دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك بولغاندا ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېزا رايونلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك. جايلار، تارماقلار يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
جىنجۇڭ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى تېخنىكا رايونىدىكى سەنشى ئۆلكىسى ياڭيۇچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەيگۇ بازىسىدا، تېخنىكلار 16-نومۇرلۇق زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ياڭيۇ مايسىسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆچۈرۈپ تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تەيگۇ بازىسى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئەقلىي پارنىك ئىچىدىكى ئەشيا تورى ئۈسكۈنىلىرى خۇددى بىر «سىرداش غوجىدار»غا ئوخشاش يورۇقلۇق ۋە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ، ياڭيۇنىڭ ئۆسۈشىنى 24 سائەت كۈزىتىدۇ. تېمپېراتۇرا 28 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، دېرىزىنى ئېچىش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ئېچىلىپ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەيدۇ؛ ئەگەر تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلىسە، سۇ پەردىسى شامالدۇرغۇچىنىڭ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش سىستېمىسى ئاپتوماتىك خىزمەت قىلىپ، يۇمران مايسىلارنىڭ ئىزچىل راھەت مۇھىتتا ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سەنشى ئۆلكىسى ئېلىمىزنىڭ ياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۆلكىسى ۋە ئەۋزەل رايونى. ھازىر جىنجۇڭ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى تېخنىكا رايونىدا ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئورگانىك بىنەم يەر دېھقانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن 311 مىڭ مو، تۈرلۈك بازىدىن 70 نەچچىسى قۇرۇلدى، 900 دىن ئارتۇق يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا بۇ يەردە بارلىققا كېلىپ، كەڭ ئېتىزلاردا ئومۇملاشتۇرۇلدى. بۇ يەردە يەنە سەنشى ئۆلكىسى ئىچىدىكى بىردىنبىر دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زەھەرسىزلەندۈرۈپ تېز يېتىشتۈرۈش مايسا مەركىزى قۇرۇلدى، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات، «سۈنئىي ئەقل +»، ئەشيا تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن قوشۇلدى. سەنشى جىنجۇڭ شەھىرى تەيگۇ رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇيدى مۇنداق دېدى: ھازىر، پۈتۈن رايوندىكى ئورگانىك بىنەم يەر دېھقانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تەۋەلىك رايونىدا ئەشيا تورى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يان تېلېفون ئارقىلىق تۇپراقنىڭ نەملىكى ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.
يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان «يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى 2024-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە بولغان يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۇرۇقچىلىق پەن ـ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش تېز ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، زەنجىرى مۇكەممەل، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئاقىل يېزا ئىگىلىكى توپى يېتىلدۈرىلىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋە تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خۇ شياڭدۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: سۈنئىي ئەقلگە نىسبەتەن، يېزا ئىگىلىكى بىر مۇھىم ئەمەلىي مەنزىرە، يېڭى پەن-تېخنىكا، ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە قۇۋۋەت بېرىش ۋە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكىلىپ، نوپۇس سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يەرنى كىم تېرىش مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى پەن- تېخنىكا، رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىندى.
يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا، پۈتۈن ھالقىدا زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، مەنپەئەتىنى چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجۇ مىڭگۇاڭ شەھىرى گۇەنديەن بازىرى شياۋۋېي كەنتىنىڭ تيەنيېجۈ مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، دېھقان شۈ شياۋفاڭ يېتىشتۈرگەن 60 نەچچە مو يەردىكى تيەنيېجۈ مايسىسىدىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل يېتىپ كەلدى.
شۈ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىجارىگە ئالغان بۇ يەرنىڭ كۆلىمى 60 مودىن ئاشىدۇ، ھازىر مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە كېيىنكى پەرۋىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى 25تىن 30غىچە ئىشچىنى ياردەمگە ئورۇنلاشتۇردۇق، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 18 مىليون تۈپتىن 20 مىليون تۈپكىچە بولۇپ، 400 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
مىڭگۇاڭ شەھىرى دېھقانلار، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى دېھقانلار كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، تارقاق تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مايسا يېتىشتۈرۈش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈردى؛ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى باشلامچى بولۇپ بازار ئۇقۇشۇپ زاكاز قوبۇل قىلىپ، زاكاز بويىچە تېرىقچىلىق قىلدى. مىڭگۇاڭ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خوۋپىڭ مۇنداق دېدى: كوللېكتىپ زاكاز قىلىش بازارغا نىسبەتەن بەلگىلىك كېلىشىم باھا ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىڭگۇاڭ شەھىرى دېھقان ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق مەيدانىنى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتتى، ھازىرغىچە، 500 مىڭ يۈەنلىك كۆلەمدىن ئاشىدىغان ئىقتىسادىي كۈچلۈك بازار 78 گە يەتتى.
«يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى 2024-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە بولغان يىرىك پىلان»دا 2027-يىلىغىچە، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقى؛ 2035-يىلىغىچە، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋېي خۇكەي مۇنداق دېدى: يىرىك پىلاندا يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى پەلەمپەيسىمان ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلار، شارائىتى بار ئۆلكىلەرنىڭ ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ بىر باشلامچى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككىنى تېزلىتىش كېرەك يەنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى شارائىتى ياخشى بەزى شەھەر، ۋىلايەتلەر يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىشى، شارائىتى بار ناھىيە، شەھەر، رايونلار، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.
يىرىك پىلانغا ئاساسەن، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ. تەمىنلەش كاپالىتى بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، ئەسلىھە ـ جابدۇقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ـ كەنت كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى مەدەنىي، گۈزەل قىلىش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بەختلىك، گۈزەل قىلىش، خەلقئارا رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، شەھەر بىلەن يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى